ئۇيغۇرلارغا قوللىنىلغان چارىلار خىتاينىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا ئومۇملاشماقتا

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار دىيارىدا زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرغان نازارەت سىستېمىسى، تۇتۇپ تۇرۇش سىستېمىسى ۋە مۇسۇلمانلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش چارىسى نۆۋەتتە خىتايدا تېزدىن ئومۇملىشىۋاتقان ئۇسۇللاردىن بىرى ئىكەن. «ۋال سىترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ 23-دېكابىر سانىدىكى خەۋەردە دەل مۇشۇ ئەھۋال نۇقتىلىق بايان قىلىنىدۇ.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، نىڭشيانىڭ جوڭنىڭ رايونىدىكى تىپىك مۇسۇلمانلار رايونىدا بارلىق مۇسۇلمانچە دۇكانلاردىكى ئەرەبچە «ھالال» بەلگىلىرى ئېلىۋېتىلگەن. چىڭخەي ۋە گەنسۇدىكى كۆپلىگەن مەسچىتلەرگە كۆزىتىش كامېرالىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋە خىتاينىڭ دۆلەت بايراقلىرى ئېسىلغان. بۇ ئۆلكىلەردىكى ئەرەبچە تىل مەكتەپلىرى تاقىۋېتىلگەن. ئۇيغۇرلار دىيارىدا كۆپلەپ قوللىنىلغان «يانفون سۈزگۈچ» لىرى ھازىر بۇ جايلاردىمۇ ئومۇملىشىشقا يۈزلەنگەن. خەۋەردە بۇ ئەھۋاللارنى قىسقىچە خۇلاسىلەپ ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ئىزچىل خىتايدىكى ھاكىممۇتلەق ھاكىمىيەتنىڭ «تەجرىبە مەيدانى» بولۇپ كەلگەنلىكى ئالغا سۈرۈلگەن.

فوردخام ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى خىتايشۇناس پروفېسسور كارل مىنزنېر بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «شىنجاڭ رايونى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان 21-ئەسىردىكى يۇقىرى پەن-تېخنىكىنى يېقىلغۇ قىلغان ماۋ زېدوڭچە ئىجتىمائىي كونتروللۇقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۇرۇنۇشىنىڭ مەركىزى نۇقتىسى بولۇپ كەلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جەرياندا ئاۋۋال ئۇيغۇرلارنى، ئارقىدىن تۇڭگانلارنى، ئۇنىڭ ئارقىدىن خرىستىئانلارنى، ئەمدىلىكتە بولسا خوڭكوڭلۇقلارنى جايلاۋاتىدۇ» دېگەن. مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خىتاينىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىدىكى ساقچى خادىملىرى «تېررورلۇققا ۋە زوراۋانلىققا قارشى تەجرىبە ئۆگىنىش» ئۈچۈن تۈركۈم-تۈركۈملەپ ئۈرۈمچى، قەشقەر قاتارلىق جايلارغا ئەۋەتىلمەكتە ئىكەن.

نۆۋەتتە ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇرلار دىيارى بىلەن «مەدەنىيەت، دىن ۋە ئەنئەنە جەھەتتە ئۆزئارا باغلىنىش مۇناسىۋىتىگە ئىگە» دەپ قارىلىۋاتقان نىڭشيا، گەنسۇ رايونلىرىدىكى ساقچىلارنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا كۆپلەپ قۇرۇلۇۋاتقان «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى» نامىدىكى لاگېرلاردا، شۇنىڭدەك «خەلققە قۇلايلىق ساقچى پونكىتلىرى» دا زىيارەت ۋە ئۆگىنىشتە بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا ئىكەن. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۆتكەن ئايدا چىڭخەينىڭ گولمۇد شەھىرىدە «خەلققە قۇلايلىق ساقچى پونكىتى» دىن 13 قۇرۇلغان ۋە ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. نۆۋەتتە «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى لاگېرلارنىڭ بۇنىڭغا ئۇلاپلا ھەرقايسى جايلاردا ئومۇملىشىشى تەخمىن قىلىنماقتا ئىكەن.