خىتايدىكى ۋىرۇس ۋاباسى دۇنيانى ئەندىشىگە سالماقتا

خىتايدىكى ۋىرۇس ۋاباسىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە غايەت زور دولقۇن تەرىقىسىدە پۈتكۈل خىتاينى قاپلايدىغانلىقى، بۇنىڭدا ئاز دېگەندىمۇ خىتاي نوپۇسىنىڭ 60 پىرسەنتى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ بىر مىليونچە كىشىنىڭ ئۆلۈش ئېھتىماللىقى بارلىقى مەلۇم بولغاندىن كېيىن بۇنىڭ دۇنياغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنى ئەندىشىگە سېلىشقا باشلىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 19-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاباسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى يوشۇرماستىن ئېلان قىلىشقا چاقىرغان. شۇنىڭدەك بۇنىڭ يالغۇز خىتاينىڭلا مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى دۇنياۋى مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى نېد پرايىس (Ned Price) بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «تاجسىمان ۋىرۇسقا قارشى مۇستەھكەم تەييارلىقنىڭ بولۇشى يالغۇز خىتاي ئۈچۈنلا ئەمەس، يەنە دۇنيا ئۈچۈنمۇ ياخشىلىقتىن دېرەك بېرىدۇ» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى تاجسىمان ۋىرۇس تۈپەيلىدىن ئۆلگەن تۇنجى كىشى ھەققىدىكى خەۋەرنى 19-دېكابىر ئېلان قىلغان بولسىمۇ بۇ ساننىڭ قاتتىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان مەلۇمات ئىكەنلىكى، ئەمىلىي ساننىڭ بۇنىڭدىن بەكلا كۆپ ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇرلار ئوتتۇرىغا چىققان. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتايغا داڭلىق بېيجىڭ ئوپېرا ئارتىسى چۇ لەنلەننىڭ 19-دېكابىر كۈنى ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىپ بېيجىڭ شەھىرىدە ئۆلگەنلىكى، ئۇنىڭ بۇ يىل 40 ياشقا كىرگەنلىكى ھەققىدىكى ئىشەنچلىك خەۋەر تارقالغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 20-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتايدىكى دوختۇرخانىلار كېسەل بىلەن تولۇپ كەتكەن بولۇپ، دوختۇرخانا كارىۋىتىنىڭ يېتىشمەسلىكى پۈتكۈل خىتاي بويىچە ئورتاق مەسىلىگە ئايلانغان. بولۇپمۇ ئۆتكەن بىرنەچچە ئاي ئىزچىل داۋام قىلغان قامال ۋە ئاچارچىلىق تۈپەيلىدىن سالامەتلىكى بەكلا ئاجىزلاپ كەتكەن نەچچە يۈز مىليون كىشىدىن قانچىلىك ئادەمنىڭ مۇشۇ قېتىملىق زور دولقۇندا ھاياتىدىن ئايرىلىشى ھەرقايسى ساھە ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەردىن بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.