ئامېرىكا سودا مىنىستېرلىقىنىڭ مىنىستىرى گىنا رايموندو (Gina Raimondo) ۋە ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا قاراتقان يېڭى ھۇجۇمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى مەلۇم بولغان.
خىتاي خاككېرلىرىنىڭ بۇ يىل 5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانچە ھۆكۈمەت ئورگىنىنىڭ تور سىستېمىسىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى ۋە ئوغرىلانغان كىملىك ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق بىر قىسىم ئەمەلدارلارنىڭ ئېلخەتلىرىگە كىرمەكچى بولغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.
«ۋال-سىترىت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ ھۇجۇم توغرىلىق يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشلەردە ئامېرىكا سودا مىنىستىرى گىنا رايموندو ھەم شۇنداقلا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېلخەتلىرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى مەلۇم بولغان. بۇ ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دېيىشىچە، بۇ ئەمەلدارلارنىڭ مەخپىيلەشتۈرۈلگەن تور ھېساباتى سىستېمىسىغا سۇقۇنۇپ كىرىش پەۋقۇلئاددە تېخنىكىلىق تەجرىبە تەلەپ قىلىدىغان بولۇپ، بۇ خىتاي خاككېرلىرىنىڭ مۇرەككەپ ھۇجۇملارنى تەشكىللەش ئىقتىدارىنى نامايان قىلىپ بېرىدىكەن.
ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى بولسا بۇ ھەقتىكى بۇ ھۇجۇمدا مىنىستىرلىقنىڭ بىر قىسىم ئەمەلدارلىرىنىڭ ھېسابلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ خاككېرلارنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلمىگەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان. مىكروسوفت شىركىتى ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭغا قارشى تەدبىر قوللانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خاككېرلىق ھۇجۇمى بۇ يىل 6-ئايدا ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىللىنكېننىڭ 5 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم خىتايغا قاراتقان رەسمىي زىيارىتى ئالدىدا يۈز بەرگەن. ئۇلار ئامېرىكانىڭ ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 نەچچە ئورگاننىڭ ئېلخەت ھېسابىغا ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى تەكشۈرۈشلەر داۋام قىلماقتىكەن.
خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقىنىڭ باياناتچىسى، بۇ خاككېرلىق ھۇجۇمى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلغان.
