خىتاي ھۆكۈمىتى خاككېرلىرىنىڭ تور ئېقىمى ئەسۋابى بولغان روتېردىن پايدىلانغانلىقى ئاشكارىلاندى

خىتاي ھۆكۈمىتى مەبلەغ چىقىرىپ تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقان تور خاككېرلىرى تور ئېقىمىنى يۆنلەندۈرۈش ئەسۋابى روتېردىن پايدىلىنىپ، ئامېرىكا، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا شىركەتلىرىنىڭ تورىغا كىرگەن.

ئامېرىكادىكى «تور بىخەتەرلىكى ھەپتىلىكى» تورىنىڭ 27-سېنتەبىر كۈنى ئېلان قىلغان بۇ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، Cisco شىركىتىنىڭ روتېرلىرىغا خىتاي ھۆكۈمىتى مەبلەغ سالغان «قارا تېخنىكا» (Black tech) ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا «يۇقىرى سەۋىيەلىك سىجىل تەھدىت» (APT) يوشۇرۇنغان. بۇنى ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى (NSA) بىلەن ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) تەكشۈرۈپ بايقىغان.

بۇ ئورگانلار ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «كونكرېت ئېيتقاندا، ‹قارا تېخنىكا› تور ھۇجۇمچىسى مەلۇم تور بېكىتىنى نىشانغا ئېلىپ، باشقۇرغۇچىلارنىڭ ھوقۇقى چەكلەشنى مەقسەت قىلغاندا روتېرنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنى مەركەز قىلغان تور ھەرىكىتىگە سوقۇنۇپ كىرىۋالىدۇ».

Cisco شىركىتىنىڭ روتېرلىرىغا يوشۇرۇنغان تور ھۇجۇمچىسى چەت ئەل شىركەتلىرىنىڭ تور سىستېمىسىنى بۇزۇۋېتىشنى ئەمەس، ئۇلاردىن ئۇچۇر ئوغرىلاشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

خىتاينىڭ ‹قارا تېخنىكا› دىن پايدىلىنىپ يۇقىرى سەۋىيەدە تور بىخەتەرلىكى خەۋپى پەيدا قىلىشى 2010-يىلدىن بۇيان جانلىنىپ كەتكەن ھادىسە بولۇپ، ئۇنىڭ ھۇجۇم نىشانى ھۆكۈمەت، سانائەت، تېخنىكا، تاراتقۇ، ئېلېكتىرون ۋە تېلېگراف ساھەلىرى، شۇنداقلا ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە ئارمىيەسىنى ئارقا سەپتىن تەمىنلەيدىغان شىركەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

Cisco شىركىتى ئۆزلىرىنى ئاقلاپ، «Cisco نىڭ كەمچىلىكىنى كۆرسىتىدىغان ھېچقانداق ئالامەت كۆرۈلمىدى. تور ھۇجۇمچىلىرى ئىشەنچلىك تور كېلىشىمىدىن پايدىلىنىپ، تور باشقۇرغۇچىلىرى ۋە يۇمشاق دېتاللارنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنغان» دېگەن.

ھالبۇكى، خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، قاتتىق دېتال خەۋپسىزلىكى مۇتەخەسسىسلىرى يۇقىرى سەۋىيەلىك تور ھۇجۇمچىلىرىنىڭ روتېر قاتارلىق ئەسۋابلارنىڭ سايىسىدە ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە مەخپىي تور ھۇجۇمى قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.