غەربىي خەننىڭ بۈگۈردىكى «تۇتۇق مەھكىمىسى» ئۇيغۇر دىيارىنىڭ رەسمىي خىتاي خەرىتىسىگە كىرگەنلىكىنىڭ بەلگىسى ئىكەن
2024.02.05
ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر ۋە خىتاي تارىخشۇناسلىرىنىڭ ئارىسىدا مەۋجۇتلۇقى مۇنازىرە قىلىنىپ كەلگەن غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ بۈگۈردە «غەربىي دىيار تۇتۇق مەھكىمىسى» قۇرغانلىقى 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندىن كېيىن رەسمىيلەشتۈرۈلۈپ، بۈگۈر ناھىيەسىدە چوڭ كۆلەملىك «غەربىي دىيار تۇتۇق مەھكىمىسى مۇزېي» قۇرۇلۇشقا باشلىغان.
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 170 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان ئومۇمى قۇرۇلۇش كۆلىمى 10 مىڭ كۋادرات مېتىرلىق بۇ مۇزېي بۇ يىل 10-ئايدا پۈتتۈرۈلۈپ، رەسمىي كۆرگەزمىگە ئېچىلىدىكەن. خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدا ئۇيغۇر تارىخچىلىرى ئەڭ قاتتىق زەربە بېرىش نىشانى بولغان ۋەزىيەتتە، غايەت زور مەبلەغ ئاجرىتىلىپ بۇ مۇزېينىڭ سېلىنىشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر تارىخىنى «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى» نىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە قايتا چۈشەندۈرۈش ئۇرۇنۇشىنىڭ بىر پارچىسى، دەپ قارالماقتا.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 4-فېۋرال بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، مۇزېينىڭ 5 مىڭ كۋادرات مېتىرلىق كۆرگەزمە زالىغا بۈگۈردىكى كۆيۈك قەدىمى خارابىلىكى ۋە زوركۈت قەدىمىي شەھەر خارابىلىكىدىن تېپىلغان مەدەنىي يادىكارلىقلار قويۇلىدىكەن.
خەۋەردە، مىلادىدىن بۇرۇنقى 60-يىلى غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ بۈگۈردە «غەربىي دىيار تۇتۇق مەھكىمىسى» قۇرۇشى «شىنجاڭنىڭ رەسمىي خىتاي خەرىتىسىگە كىرگەنلىكىنى بەلگىسى»، «ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقە، ئالماشتۇرۇش ۋە ئارىلىشىشىنىڭ تارىخى خاتىرىسى، مەركىزى ھاكىمىيەتنىڭ غەربىي دىيارنى ئۈنۈملۈك باشقۇرغانلىقىنىڭ مۇھىم ئىسپاتى ۋە ئىپادىسى» ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ ئورۇن يەنە «خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ ۋەكىللىك مەدەنىيەت ئامىلى، مەدەنىيەت سىمۋولى» ئىكەن. ھالبۇكى، خەن سۇلالىسىنىڭ «غەربىي دىيار تۇتۇق مەھكىمىسى» خىتاي تارىخنامىلىرىدە تىلغا ئېلىنسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىرى ئۇنىڭ مەلۇم جاينى ماكان تۇتقان بىر رەسمىي ئاپپارات ئىكەنلىكىنى رەت قىلىپ، بۇنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق ئارخېئولوگىيەلىك دەلىل يوقلىغىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن. بۇ قاراشتىكى نۇرغۇن ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىرى 2017-يىلىدىكى چوڭ تۇتقۇندا لاگېرلارغا قامالغان، كېسىلگەن ياكى ئىز-دېرەكسىز يوقالغان.
دائىرىلەر ئەينى ۋاقىتتا «ئارخېئولوگىيە شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن خىتاي زېمىنى ئىكەنلىكىگە خىزمەت قىلىشى» نى تەلەپ قىلغانىدى.