خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خەۋىرى گۇمان قوزغىدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017.12.20

خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى (CCTV) نىڭ ئامېرىكىدا ئاچقان قانىلى يېقىندا ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە بەرگەن بىر خەۋىرىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ۋەزىيىتىنى «مىللەتلەر ئارىسىدا توسالغۇلارنى تۈگىتىپ، دۆلەت كىملىكى ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى يۈكسەلدۈرۈشكە مەركەزلىشىش، » دەپ چۈشەندۈرگەن.

ئامېرىكىنىڭ «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلى بۈگۈن ماقالە ئېلان قىلىپ، بۇ چۈشەندۈرۈشنى «تەرەپبازلىق بىلەن خەۋەر قىلىش» دېگەن. خىتاي تېلېۋىزىيەسىنىڭ ئامېرىكىدىكى مەزكۇر قانىلىنى «يات دۆلەت ۋاكالەتچىلىرى» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان مەزكۇر ماقالىدا بۇ قانالنىڭ تەرەپباز خەۋەرچىلىك ئۇسۇلىغا سوئال قويۇلغان. ماقالىدا «كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئېغىر باستۇرۇش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرى ھەققىدە ئەندىشىلىرىنى بايان قىلىۋاتقان، رايوندا ئومۇمىي خەلقنىڭ د ن ئا ئەۋرىشكىسى توپلىنىۋاتقان، ھەر يەر-ھەر يەردە كامېرا ئورۇنلاشتۇرۇلۇۋاتقان بىر رايوننى نېمە ئۈچۈن يۇقىرىقىدەك بىر تەرەپلىمە تەسۋىرلەيدۇ؟» دەپ سوئال قويغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 2012‏-يىلدىن باشلاپ ئامېرىكىدا مەخسۇس قانال ئېچىپ، ئۆز نامىدا خەۋەرچىلىكنى باشلىغان، كېيىنچە بۇ قانالنىڭ نامى«خىتاي خەلقئارا تور تېلېۋىزىيەسى»، يەنى «س گ ن ت ئامېرىكا» غا ئۆزگەرتىلگەن. «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىنىڭ يۇقىرىقى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، مەزكۇر تېلېۋىزىيە قانىلى ھازىرغا قەدەر خەۋەرلىرىدە، بولۇپمۇ ئامېرىكىغا ئائىت خەۋەرلەردە تەرەپسىز بولغان بولسىمۇ، ئەمما خىتايغا ئالاقىدار خەۋەرلەردە پۈتۈنلەي خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقات سىزىقىدىن چىقمىغان.

مەزكۇر ژۇرنالدا پىكىر بايان قىلغان ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر، خىتاينىڭ مەزكۇر قانىلىنىڭ ئامېرىكىنىڭ «يات دۆلەت ۋاكالەتچىلىرى» (چەتئەل ئاگېنتلىرى) تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكا چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئامېرىكا جامائەت پىكىرىنى قايمۇقتۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، 1983‏-يىلى «يات دۆلەت ۋاكالەتچىلىرىنى تىزىملىتىش قانۇنى» ناملىق بىر قانۇن ماقۇللىغان. مۇشۇ قانۇن بويىچە، «خىتاي كۈندىلىك» گېزىتىنىڭ ئامېرىكىدا مۇلازىمەت قىلىدىغان ئىنگلىزچە بۆلۈمى «يات دۆلەت ۋاكالەتچىلىرى تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.