خىتاينىڭ «شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش» چوڭ يىغىنىدا مۇھىم ساياھەت نۇقتىلىرى نىشان قىلىنغان

خىتاي دائىرىلىرى يېقىندىن بۇيان قەشقەرنى مەركەز قىلىپ، جەنۇبقا مەبلەغ سېلىش ۋە ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش يىغىنلىرى ئېچىۋاتقان بولۇپ، ئىچكىرى خىتايدىكى پۇقراۋى كارخانىلارنى بۇنىڭغا كۆپلەپ جەلپ قىلغان ۋە زور سوممىلىق مەبلەغ تۈرلىرى ئىمزالىغانىدى.

13-ئىيۇن كۈنى «تەڭرىتاغ تورى»، «شىنجاڭ گېزىتى» تورى چىقارغان خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى 33-قېتىملىق «سەر خىل تۈرلەر سۆھبەت پائالىيىتى ۋە شىنجاڭدا مەدەنىيەت-ساياھەتچىلىك كەسپىنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى»نى قەشقەردە ئۆتكۈزگەن. بۇ پائالىيەتتە مەبلەغ تۈرلىرى، ھەمكارلىشىپ مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىدە ئىمزالانغان سودا سوممىسى 10 مىليارد 100 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن.

«2023-يىللىق شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش چوڭ يىغىنى» دېگەن نامدا ئېچىلغان بۇ يىغىن ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چوڭ كۆلەملىك ۋە غايەت زور سوممىلىق «خېرىدار چاقىرىش» يىغىنىغا ئايلانغان بولۇپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئەڭ گۈزەل ساياھەت نۇقتىلىرى تالىشىپ مەبلەغ سېلىش نىشانى بولغان. يىغىن جەريانىدىكى پائالىيەتتە خىتاينىڭ قاتناش بانكىسى، سودا بانكىسى قاتارلىق پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرى ئۇيغۇر رايونىدىكى سايرام كۆلى، خوتەن كەچلىك بازىرى قاتارلىق ساياھەت نۇقتىلىرىغا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ئىمزالىغان.

خىتاينىڭ «شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش» پىلانى بۇ رايوندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق باشلانغاندىن تارتىپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، «تەڭرىتاغ تورى» 2020-يىل 5-ئايدا تارقاتقان خەۋەردە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى 14 ۋىلايەت (شەھەر) دە 400 دىن ئارتۇق تۈر بويىچە مەدەنىيەت ساياھەتچىلىكى يولغا قويۇلىدىغانلىقى، «خىتاي ساياھەت كۈنى»نىڭ قەشقەردىن باشلىنىدىغانلىقى خەۋەر قىلىنغانىدى. كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش ۋە تۇتقۇندىن كېيىن «ئەمىن شىنجاڭ» بەرپا قىلغان خىتاي، ئەمدى بۇ ساياھەتچىلىكنى تېخىمۇ زور كۆلەمدە تەرەققىي قىلدۇرماقچى بولغان.

ئۇيغۇر رايونىغا بىر قانچە قېتىم بارغان فىرانسىيەلىك ساياھەتچى پاترىك پاك ئۆزىنىڭ ساياھەتنامىسىدە، ئۇيغۇر دىيارىدا ساياھەتچىلىك نامىدا ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئىزلىرىنىڭ يوقىتىلىۋاتقانلىقى ياكى ئۆزگەرتىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقانىدى. تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز يېقىندا بەرگەن زىيارىتىدە خىتاينىڭ قەشقەردە كۆپىيىپ قالغان يىغىنلىرى ۋە كەلگۈسى پىلانلىرى ھەققىدە توختالغىنىدا، بۇلارنى مۇستەملىكە سىياسىتىنىڭ يېڭى پەللىسى دەپ كۆرسەتكەنىدى.