خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «مۇقىملىق» ۋە «بىخەتەرلىك» ئۈچۈن غايەت زور ساندا خىراجەت سەرپ قىلىۋاتقانلىقى ئالاقىدار ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
«جېيمىس تاۋن فوندى» نىڭ باشقۇرۇشىدىكى «خىتاي خەۋەرلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 12-مارتتىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ماقالىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مەبلەغ سەرپىياتىنىڭ مەزمۇنى ھەمدە بۇنىڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ.
ئادريان زېنز ئىمزاسىدىكى ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىلىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بىخەتەرلىك خىراجىتى 57 مىليارد سوم (تەخمىنەن 9.5 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى)دىن ئېشىپ كەتكەن. ھالبۇكى بۇ سان 2016-يىلى 30 مىليارد سوم بولغان ئىكەن.
ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، بىخەتەرلىك خىراجىتىنىڭ بۇنداق زور مىقدار ۋە سۈرئەت بىلەن ئېشىشى ئاساسەن ئۇيغۇرلار دىيارىغا پارتىيە سېكرېتارى بولۇپ يۆتكىلىپ كەلگەن چېن چۇەنگو بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ خىل ئېشىش سۈرئىتى خىتاينىڭ ئۆزىدىكى ئىچكى بىخەتەرلىك خىراجىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ئۈچۈن ئاجرىتىلغان خىراجەتتىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كېتىش يۈزلىنىشى بىلەن باراۋەر يۆنىلىشتە ئاشماقتا ئىكەن. بۇ ھەقتە ئالاقىدار مەلۇماتلار خىتاينىڭ ئىچكى بىخەتەرلىك خىراجىتىنىڭ ئەمەلىي قىممىتى ئامېرىكىنىڭ شۇ خىلدىكى خىراجىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە ئىكەن.
ئاپتورنىڭ بايانلىرىغا قارىغاندا، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بىخەتەرلىك خىراجىتىنىڭ بىر يىل ئىچىدە 92 پىرسەنت ئاشقانلىقى خىتايدا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئەھۋال ئىكەن. ئوخشاش مەزگىل ئىچىدە خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدە، جۈملىدىن تىبەت، چىڭخەي قاتارلىق جايلاردا بۇ سان ئاساسەن 10 پىرسەنت ئەتراپىدا بولماقتا ئىكەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكىرلىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئىجرا قىلىۋاتقان «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ چوڭ كوزىرلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ «مۇقىم» بولۇش-بولماسلىقى بۇ قۇرۇلۇشنىڭ غەلىبە قىلىش ياكى مەغلۇپ بولۇشىدا ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدىكەن. شۇ سەۋەبتىن چېن چۇەنگونىڭ مەزكۇر رايوننى ئىسمى-جىسمىغا لايىق «ئۈستى ئوچۇق تۈرمە» گە ئايلاندۇرۇشى بېيجىڭدىكى مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئېرىشمەكتە ئىكەن.