خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭلۇق ياشلارغا «ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى» نى كۈچەيتمەكچى

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجاڭ پەيشەنبە كۈنى خوڭكوڭلۇق ياشلارغا ئاتالمىش «ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى» بېرىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ شۇنداقلا خوڭكوڭ ياشلىرىنىڭ ئۆتكەن يىلقى دېموكراتىك نامايىشلىرىنى تىلغا ئالغاندا ئۇنى «قانۇنسىز ھەرىكەت» دەپ ئاتىغان.

ئۇ سۆزىدە مۇنداق دېگەن: ئۆتكەن يىلقى بۇ قانۇنسىز ھەرىكەتلەر بىزنىڭ خوڭكوڭلۇق ياشلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى، ئۇلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشنى كۈچەيتىشىمىز كېرەكلىكىنى يورۇتۇپ بەردى. بىز چوقۇم جۇڭگونى سۆيۈش، خوڭكوڭنىڭ ۋە ئاۋمېننى سۆيۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئەنئەنىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك.

خوڭكوڭلۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ خوڭكوڭلۇقلارغا ھەقىقىي دېموكراتىيە بېرىشنى تەلەپ قىلىپ ئۆتكۈزگەن نامايىشى خەلقئارانى تەسىرلەندۈرگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ تۇرۇپ 3 ئاي داۋام قىلدۇرغان تىنچ نامايىشى ھەتتا تىنچلىق نامايىشلىرىنىڭ ھەقىقىي ئۈلگىسى سۈپىتىدە مەدھىيىلەنگەن. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى نامايىشنى قانۇنسىز دەپ ئېلان قىلغان ۋە ساقچى قىسىملىرىنى ئىشقا سېلىپ نامايىشنى مەجبۇرىي تارقىتىۋەتكەن.

رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نامايىشى تارقاقلاشتۇرۇۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما خوڭكوڭدا بۇ يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن كەلگەنلەرنى قوغلايدىغان ھەرىكەتلەر كۆپەيگەن. نامايىشچىلار ھەر ھەپتە چوڭ قۇرۇقلۇقتىن كەلگەنلەر دۇكان ئاچىدىغان سودا سارايلاردا نامايىش قىلىپ، خىتايدىن كەلگەن تىجارەتچىلەرنى ۋە ساياھەتچىلەرنى خىتايغا قايتىپ كېتىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشقا باشلىغان.

جاڭ دېجاڭ سۆزىدىمۇ بۇ ئەھۋال ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، بۇنداق غەرەزلىك نامايىشلارغا قارىتا « مەخسۇس بىر چارە» تېپىپ چىقىشىمىز كېرەك، دېگەن.