خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ خوڭكوڭ قىسىملىرى ئېلان قىلغان سىن كۆرۈنۈشلىرى دىققەت قوزغىدى

خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملىرى ئالدىنقى كۈنى خىتاينىڭ «ۋېيبو» تورىدىكى رەسمىي ھېسابى ئارقىلىق بىر قانچە پارچە سىن كۆرۈنۈشلىرىنى تارقاتقان. مەزكۇر سىن كۆرۈنۈشلىرىدە خوڭكوڭدىكى خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ھەر خىل ئىلغار تىپلىق قوراللار، تىك ئۇچار ۋە باشقا ھەربىي ئەسلىھەلەر ئارقىلىق تۇيۇقسىز ۋەقەلەرنى، نامايىشلارنى بىر تەرەپ قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى ئورۇن ئالغان.

خوڭكوڭدا 8 ھەپتىدىن بېرى پۇقرالار نامايىش قىلىپ «قاچقۇنلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش قانۇن لايىھەسى» نى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان ئىدى. 27‏-ئىيۇل كۈنى خوڭكوڭنىڭ يۈەنلاڭ بېكىتىدە نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش پارتلىغاندىن كېيىن، 28‏-ئىيۇل كۈنى نەچچە ئون مىڭلىغان خوڭكوڭلۇق داۋاملىق نامايىش قىلىپ، ساقچىلارنىڭ پۇقرالارغا قورال ئىشلەتكەنلىكى، «ھۆكۈمەتنىڭ قارا جەمئىيەتلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرگەنلىكى» گە نارازىلىق بىلدۈرگەن. نارازىلىق نامايىشى يەنە توقۇنۇشقا ئايلانغان ئىدى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغىنى، يۇقىرىقى بۇ سىن كۆرۈنۈشلىرىنىڭ دەل مۇشۇ مەزگىلدە ئېلان قىلىشى بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ۋىدىيولاردا ھەربىيلەرنىڭ ئاتالمىش توپىلاڭچىلارنى قوغلاۋاتقان كۆرۈنۈشلىرىدە گۇاڭدۇڭ تىلىنى ئىشلىتىشىمۇ كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى. كۆزەتكۈچىلەر بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدا نامايىش قىلىۋاتقان نەچچە ئون مىڭلىغان خوڭكوڭلۇقلارغا بەرگەن ئوچۇق-ئاشكارا سېگنالى، دەپ قارىماقتا.

يۇقىرىقى سىن كۆرۈنۈشلىرى تىۋىتتېر تورىدىمۇ كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. ئاۋسترالىيە ماككۇۋېرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى كېۋىن كوررىكو تىۋىتتىردا بۇنىڭغا «خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ياخشى بىلىدىغان ئىشى قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ بولمىغان نامايىشچىلارنى قىرغىن قىلىشى ئەمەسمۇ» دەپ ئىنكاس قايتۇرغان.