خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى رەھبىرى خوڭكوڭ مۇستەقىللىق ئىدىيىسىنى ئەيىبلىدى

خىتاينىڭ خوڭكوڭ ۋە ماكاۋ ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ۋە خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇدىرى جياڭ دېجياڭ خوڭكوڭ مۇستەقىللىقىغا قارشى كۈرەش قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان خوڭكوڭدا كۈچىيىۋاتقان مۇستەقىللىق چوقانلىرىدىن قاتتىق غەزەپلەنگەن جياڭ دېجياڭ 29-نويابىر كۈنى خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئاممىۋى جەمئىيەتلىرىدىن بىرى «خوڭكوڭدىكى ئاۋازلارغا ياردەم كۆرسىتىش» جەمئىيىتى ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلغاندا ئېيتقان سۆزىدە، خوڭكوڭ مۇستەقىللىق ئىدىيىۋى ھەرىكىتىنى «دۆلەتكە ئاپەت، خەلققە زىيان ئېلىپ كېلىدۇ» دەپ ئەيىبلەپ، خوڭكوڭ ئاھالىسىنىڭ بۇنىڭغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

خەۋەر مەنبەلىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، «خوڭكوڭدىكى ئاۋازلارغا ياردەم كۆرسىتىش» جەمئىيىتى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنى ياقلايدىغان ۋە خوڭكوڭدىكى دېموكراتىك ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇرىدىغان ئاممىۋى جەمئىيەت ئىكەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ قەيت قىلىشىچە، جياڭ دېجياڭ جەمئىيەتنىڭ ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ خوڭكوڭ ئاھالىسىنىڭ خوڭكوڭ مۇستەقىللىقىغا قارشى كۈرەش قىلىشىنى كېڭەيتىشىنى، دۆلەت بىرلىكىنى قوغداپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» سىياسىتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان.

بېيجىڭ ھۆكۈمىتى خوڭكوڭ مۇستەقىللىق ئىدىيىسىنىڭ باش كۆتۈرۈشى ۋە بۇنىڭ تەيۋەن مۇستەقىللىق ئىدىيىلىرى بىلەن بىرلىشىش يۈزلىنىشىدىن نارازى بولغان.

30-نويابىر كۈنى خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى ما شاۋگۇاڭ «خوڭكوڭ مۇستەقىلچىلىرى»، ۋە «تەيۋەن مۇستەقىلچى كوچىلىرى»نىڭ ئۇز-ئارا تىل بىرىكتۈرۈش ۋەزىيىتى شەكىللىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، تەيۋەن تەرەپنى ئاگاھلاندۇرغان.