خىتاي قەشقەردىكى ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا يادرو ئوق بېشى ساقلايدىغان يەر ئاستى مۇئەسسەسەسى قۇرغان

خىتاينىڭ قەشقەردىكى ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا يادرو ئوق بېشى ساقلايدىغان يەر ئاستى مۇئەسسەسەسى قۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. «بۈگۈنكى ھىندىستان» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ گېزىتنىڭ بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسى يېقىنقى 8 ئايدىن بېرى قەشقەر ئايرودرومىدىكى خىتاي ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا يۇز بەرگەن ئۆزگىرىشلەرنىڭ سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق خىتاينىڭ مەزكۇر بازىسىدا يادرو ئوق بېشى ساقلايدىغان يەر ئاستى مۇئەسسەسەسى قۇرغانلىقىنى بايقىغان. خەۋەردە بۇ قۇرۇلۇشنىڭ خىتاي-ھىندىستان قىسىملىرى لاداق چېگراسىدا تىركىشىشتىن ئايلارچە بۇرۇن باشلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«بۈگۈنكى ھىدىستان» گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قۇرۇلۇش خىتاينىڭ ھىندىستانغا قارشى ئېلىپ بارغان بىر قاتار رادىكال ئىستىراتېگىيەلىك تەدبىرلىرىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، بۇ تەدبىرلەر قەشقەر ئايرودرومىدىكى خىتاي ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا H6 تىپلىق ئىستىراتېگىيەلىك بومباردىمانچى ئايرۇپىلانلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ھىندىستان تاراتقۇلىرى خىتاينىڭ ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا قەشقەر ئايرودرومىغا 6 دانە H6 تىپلىق بومباردىمانچى ئايرۇپىلان ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

«بۈگۈنكى ھىندىستان» گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، قەشقەردىكى ئايرودروم ھىندىستاننىڭ شەرقىي لاداق رايونىغا قاراشلىق دۆلەتبەگ ئۆلدى دېگەن جايدىكى ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا 490 كىلومېتىر كەلىدىكەن. خەۋەردە يادرو ئوق بېشى ساقلاش مۇئەسسەسەلىرىنىڭ ئايروپىلان توختاش لاپىسىنىڭ يەر ئاستىغا ياسالغانلىقى، بۇ ئايرودرومنىڭ ھەم ھەربىي ھەم خەلق ئىشلىرىدا تەڭ ئىشلىتىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، «بۈگۈنكى ھىندىستان» گېزىتىنىڭ خەۋىرى توغرا بولسا، بۇ قەشقەر خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈنمۇ يوشۇرۇن تەھدىت ئىكەن.