ئامېرىكا 1997-يىلدىن بېرى ئامېرىكانىڭ مۇرەككەپ كومپيۇتېر ئۆزەكلىرىنى خىتايغا سېتىشنى چەكلىگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى بىر يادرو قوراللار تەتقىقات ئورنى يېقىنقى ئىككى يېرىم يىلدىن بېرى ئاز دېگەندە ئون نەچچە قېتىم ئامېرىكانىڭ بۇ خىل كومپيۇتېر ئۆزەكلىرىنى سېتىۋېلىپ، بۇ چەكلىمىدىن ئاتلاپ ئۆتكەن.
«ۋول-سترېت ژورنىلى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇلار خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى قۇرۇلۇش فىزىكىسى تەتقىقات ئاكادىمىيەسىنىڭ ئامېرىكانىڭ ئىنتېل (Intel)، نىۋىدىيا (Nvidia) قاتارلىق شىركەتلىرى ئىشلەپچىقارغان يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئۆزەكلىرىنى سېتىۋالغانلىقىغا ئائىت ھۆججەتلەرگە ئېرىشكەن. سانلىق مەلۇمات مەركەزلىرى ۋە شەخسى كومپيۇتېرلاردا كەڭ ئىشلىتىلىدىغان بۇ ئۆزەكلەر خىتايدىكى ساتقۇچىلاردىن سېتىۋېلىنغان. بەزى ئۆزەكلەر كومپيۇتېر زاپچاس سۈپىتىدە سېتىلغان.
بۇ سودا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ 1997-يىلدىن بېرى چەت ئەللەرنىڭ ھەرقانداق بىر ئامېرىكا مەھسۇلاتىنى يادرو قوراللار تەتقىقاتىدا ئىشلىتىشىنى چەكلەش قارارىغا خىلاپلىق قىلغان. «ۋول-سترېت ژورنىلى» نىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ قۇرۇلۇش فىزىكىسى تەتقىقات ئاكادىمىيەسى ئۇنىڭ يادرو تەتقىقاتى سەۋەبلىك ئامېرىكانىڭ قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن تۇنجى خىتاي ئاپپاراتلىرىنىڭ بىرى ئىكەن. خىتاي 1990-يىللارنىڭ ئاخىرلىرى ئۆزىنىڭ لوپنۇردىكى يادرو سىناقلىرىنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن چەت ئەل تاراتقۇلىرى يېقىندىن بېرى خىتاينىڭ لوپنۇر يادرو سىناق مەيدانىدىكى قۇرۇلۇش پائالىيەتلىرىنىڭ كۈچەيگەنلىكى، بۇنىڭ، خىتاي نۆۋەتتە يادرو سىنىقىغا تەييارلىق قىلىۋاتامدۇ، دېگەن گۇمان پەيدا قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتاينىڭ يادرو قوراللار ئوق بېشىنى جىددىىي كۆپەيتىۋاتقانلىقى، 2035-يىلىغا بارغاندا، ئۇنىڭ يادرو قوراللار ئوق بېشىنىڭ 1500 يېتىپ بېرىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. «ۋول-سترېت ژورنىلى» نىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئەھۋال خىتاينىڭ ئامېرىكا تېخنولوگىيەسىنى ھەربىي ئىشلارغا ئىشلىتىشىگە قاتتىق قارشى تۇرۇۋاتقان بايدېن ھۆكۈمىتى دۇچ كەلگەن جىددىي خرىسنى نامايەن قىلىدىكەن.
