خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا يادرو قوراللىرى بازىلىرىنى كېڭەيتمەكتە

خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەربىي كۈچىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى يادرو سىناق بازىسىدا ھەر خىل تىپتىكى يادرو قوراللىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ كەلمەكتە.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 16-ئىيۇن بەرگەن خەۋەرگە قارىغاندا، 2024-يىل 1-ئايغىچە، خىتاينىڭ ھەربىي قورال زاپىسىدىكى 410 دانە يادرو ئوق بېشى بۇ يىل 500 گە يەتكەن؛ خىتاي ئۆزىنىڭ ئاتوم قوراللىرى ئىقتىدارىنى مۇشۇ سۈرئەتتە ئاشۇرۇپ ماڭسا، 2030-يىلىغا بارغاندا قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سانى جەھەتتە ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەگە تەڭلىشىپ قالىدىكەن.

ئامېرىكا ئالىملىرى بىرلەشمىسى يادرو ئۇچۇرلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى خانس كرىستىنسېن (Hans Kristensen بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ يادرو قوراللىرى ئامبىرىنى كېڭەيتىشى ھەر قانداق دۆلەتتىكىدىن تېز؛ يادرو قوراللىرىغا ئىگە بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھازىر يادرو كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانى بار».

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن «يادرو قوراللىرىنى قىسقارتىش يىغىنى» دا جوۋ بايدېن ھۆكۈمىتىدىكى بىر ئەمەلدار مۇنداق دېگەن: «ئەگەر رۇسىيە بىلەن خىتاي داۋاملىق يادرو قوراللىرىنى كۆپەيتىش يولىغا ماڭسا، ئامېرىكا تېخىمۇ چوڭ يادرو قوراللىرى ئامبىرىنى قۇرۇپ چىقىشى مۇمكىن».

60 يىل بۇرۇن لوپنۇردا تۇنجى ئاتوم بومبىسىنى پارتلاتقان خىتاي، بۇ جايدىكى ئاتوم سىناق بازىسى قۇرۇلۇشىنى داۋام قىلىپ كەلمەكتە ئىدى. «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» 2023-يىل 20-دېكابىردا ئېلان قىلغان خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ يەر ئاستىدا قازغان ئاتوم بومبىسى سىناق تونېلى كەم دېگەندە تەخمىنەن ئۈچتىن بىر ئىنگلىز مىلى (536 مېتىر) غا يەتكەن. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد يادرو قوراللىرىنى سىناق قىلىشنى ھەمدە باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ زەربە كۈچىنى تېز سۈرئەتتە ئاشۇرۇشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنىڭ كۈچلۈك دەلىلى دەپ كۆرسىتىلگەنىدى.

نۆۋەتتە خىتاي يادرو قوراللىرى زاپىسىنى ئاشۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇكرائىنا ۋە پەلەستىندىكى ئۇرۇش داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئۇرۇشلار يادرو قوراللىرىنى چەكلەش تىرىشچانلىقىنى ۋەيران قىلىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەر ئۆز ئالدىغا يادرو قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خەتىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.