خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىدىن ھەرقانداق ۋاقىتتا يادرو قوراللىرىنى ئىشلەتمەسلىكنى تەلەپ قىلغان

يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەنگە ھەربىي قورال سېتىپ بېرىش ھەرىكىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، «ئامېرىكا-خىتاي يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك سۆھبىتى» نى توختىتىپ قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» گېزىتىنىڭ 23-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى شۇنىڭدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن «بىرىنچى بولۇپ يادرو قوراللىرىنى ئىشلەتمەسلىك پىرىنسىپى» غا ئەمەل قىلىش ھەققىدە ۋەدە بېرىشنى تەلەپ قىلغان. شۇنىڭدەك ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋروپا ۋە ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداشلىرىغا «يادرو قوراللىرى كۈنلۈكى» بولۇشتىن ۋاز كېچىشى لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، «خەلقئارا يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك ئەھدىنامىسى» نىڭ مەقسىتى يادرو قوراللىرى كېڭەيمىچىلىكىنى چەكلەش ۋە ئاخىرىدا يادرو قوراللىرىنى بىكار قىلىش بولغان. بۇنىڭغا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بەش دائىمىي ئەزاسى بىلەن بىرلىكتە يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولمىغان دۆلەتلەر بولۇپ 191 مەملىكەت ئىمزا قويغان. بۇ قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا قالغان تۆت دۆلەتتىن «ھەرقانداق ئەھۋالدا ۋە ھەرقانداق شارائىتتا بىرىنچى بولۇپ يادرو قوراللىرىنى ئىشلەتمەسلىككە ۋەدە بېرىش» نى سورىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يادرو ئۇرۇشىنى «دۇنياغا ئاپەتتىن باشقا ھېچنەرسە ئېلىپ كەلمەيدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.

ئەمما خىتاي ھازىرغا قەدەر ئۆزلىرىنىڭ ئىلكىدە زادى قانچىلىك يادرو قورالى بارلىقىنى ئاشكارىلاپ باقمىغانلىقى مەلۇم. شۇنىڭدەك ئۆزلىرىنىڭ بىرىنچى بولۇپ يادرو قوراللىرىنى ئىشلەتمەيدىغانلىقى ھەققىدىمۇ ۋەدە بەرمىگەن. ئۇلار پەقەت «بىزنىڭ ئىلكىمىزدىكى يادرو قوراللىرى پۈتۈنلەي ئۆزىمىزنى قوغداش مەقسىتىدە ياسالغان. ھەرگىزمۇ باشقىلارغا تەھدىت سېلىش ئۈچۈن ئەمەس» دەپ كەلگەن. شىۋېتسىيەدىكى خەلقئارا تىنچلىق ئىنستىتۇتى 2024-يىلى يانۋاردا خىتاينىڭ ئاز دېگەندىمۇ 500 يادرو ئوق بېشىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ۋە رۇسىيە ئايرىم-ئايرىم ھالدا بەش مىڭدىن كۆپرەك يادرو ئوق بېشىغا ئىگە ئىكەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2023-يىلى ئېلان قىلغان مۇداپىيە دوكلاتىدا «ناۋادا خىتاي ھۆكۈمىتى تەيۋەندىكى ھۇجۇمدا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسا، تېزدىن يادرو قوراللىرىنى ئىشقا سېلىشى مۇمكىن» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.