شەھەر خەلقى نامايىش قىلغاندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى چارشەنبە كۈنى فىرانسىيە بىلەن بىرلىشىپ قۇرماقچى بولغان يادرو يېقىلغۇسى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا ئورۇن تاللاش خىزمىتىنى ۋاقىتلىق توختىتىپ قويۇشقا مەجبۇر بولدى.
خىتاينىڭ دۆلەتلىك يادرو گۇرۇھى بىلەن فىرانسىيەنىڭ ئاۋېرا شىركىتى 2012-يىلى خىتايدا بىر يادرو يېقىلغۇسى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قۇرۇشقا كېلىشكەن، ئەمما ئورنىنى ئېلان قىلمىغان ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر ئۆتكەن يىلى مەزكۇر زاۋۇتنىڭ جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ليەنيۇنگاڭ شەھىرىدە قۇرۇلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. مەزكۇر شەھەردە قۇرۇلۇش ئورنىنى تاللاش خىزمىتىنى باشلانغاندىن كېيىن، بىر نەچچە مىڭ شەھەر خەلقى ئۆتكەن شەنبىدىن بۇيان نامايىش قىلىپ، زاۋۇت قۇرۇلۇشىغا قارىشى چىققان.
رادىيومىزنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نامايىشچىلار شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئالدىغا كېلىپ توپلانغان ۋە دائىرىلەردىن قۇرۇلۇش پىلانىنى بىكار قىلىشقا چاقىرغان. مەلۇم بولۇشىچە، نامايىشچىلار ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقان.
شەھەرلىك ھۆكۈمەت 10-ئاۋغۇست ئۆز مىكروبلوگىدا بىر ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇ زاۋۇت قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ۋاقىتلىق توختىتىشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي ئاخباراتلىرىغا قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر زاۋۇتنىڭ ئورنى ئۈچۈن 10 نەچچە جاينى سېلىشتۇرۇپ، ئاخىرى ليەنيۇنگاڭ شەھىرىنى بېكىتكەن، ھەمدە زاۋۇت قۇرۇلۇشىنىڭ 2020-يىلى باشلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ليەنيۇنگاڭ شەھىرىگە پىلان قىلىنغان قۇرۇلۇشنى قايتا باشلايدىغانلىقى ياكى پۈتۈنلەي بىكار قىلىدىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم.
خىتايدا مۇھىت ۋە سالامەتلىككە زىيان سالىدىغان زاۋۇت قۇرۇلۇشلىرىغا قارشى نامايىشلار كۆپ يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.
ئۆتكەن يىلى ئاپرېلدا جەنۇبىي ئىچكى موڭغۇلنىڭ نايمان رايونىدا خىمىيە زاۋۇتىغا قارىشى نامايىش يۈز بېرىپ، ساقچىلار ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ۋە رېزىنكە ئوقلارنى ئىشلىتىپ نامايىشچىلارنى باستۇرغان.
نامايىشتىن كېيىن بىر نەچچە خىمىيە زاۋۇتىنىڭ تاقالغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.