ئامېرىكا خىتاينىڭ يادرو قوراللىرى ئامبىرىنىڭ مۆلچەردىكىدىنمۇ تېز سۈرئەتتە كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ 20-‍ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا، خىتاي يادرو قوراللىرى ئامبىرىنىڭ مۆلچەردىكىدىنمۇ تېز سۈرئەتتە كېڭىيىۋاتقانلىقى، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن تەيۋەن بىلەن بولىدىغان قوراللىق توقۇنۇشىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا ئائىت ئېنىق ساۋاق ئېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي بىر خىل يېڭى تىپلىق قىتئەلەر ئارا يېتىپ بارالايدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىغا ئېرىشىشنىڭ پېشىدە بولۇپ، ئەگەر ئۇ بۇ سىستېمىغا ئېرىشسە، بۇ، خىتاينىڭ ئامېرىكا قۇرۇقلۇقى، ھاۋاي ۋە ئالياسكادىكى نىشانلارغا «مۇنتىزىم قوراللار بىلەن زەربە بېرىش خەۋپى» نى پەيدا قىلىدىكەن.

بۇ دوكلات پرېزىدېنت جوۋ بايدېننىڭ كېلەر ئاي سان-فرانسىسكودا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ باشلىقلار يىغىنى ئەسناسىدا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈشى پەرەز قىلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلىندى. ئىلگىرى بەزى خەلقئارا تاراتقۇلاردا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى لوپنۇر يادرو سىناق بازىسىدىكى ھەرىكىتىنى كۆپەيتكەنلىكى ئۇنىڭ 1997-يىلى توختاتقان يادرو سىنىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتامدۇ، دېگەن سوئاللارنى پەيدا قىلغانىدى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يىللىق دوكلاتى خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى ئۆلچەيدىغان بىر ئۆلچەش ئۇسۇلى بولۇپ، خىتاي ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئاساسلىق تەھدىت، شۇنداقلا ئۇزۇن مۇددەتلىك بىخەتەرلىك خىرىسى، دەپ قارالسىمۇ، ئەمما خاماسنىڭ 7-‍ئۆكتەبىر كۈنى ئىسرائىلىيەگە ھۇجۇم قىلىشى، ئامېرىكانىڭ دىققىتىنى قايتا ئوتتۇرا شەرق رايونىغا قارىتىشىغا مەجبۇر قىلغان. لېكىن شۇنداقتىمۇ، ئامېرىكانىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئىستراتېگىيەسى يەنىلا خىتاي ئەڭ چوڭ بىخەتەرلىك خىرىسى، دېگەننى چۆرىدىگەن ھالدا شەكىللەنمەكتىكەن.

دوكلاتتا، خىتاينىڭ 2030-يىلغىچە يادرو قوراللار ئوق بېشىنى 1000 دىن ئاشۇرۇشنى كۆزلەۋاتقانلىقى، شى جىنپىڭنىڭ پىلانى 2049-يىلىغا بارغاندا خىتاي ئارمىيەسىنى «دۇنياۋى دەرىجىلىك» ئارمىيەگە ئايلاندۇرۇش ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.