ياپونىيە ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى، خىتاينىڭ غەربىي تىنچ ئوكياندا ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي مانېۋىرىغا مۇداخىلە قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، توكيوغا بىلدۈرگەن دىپلوماتىك نارازىلىقىنى رەت قىلدى.
ياپونىيە تەرەپ خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خەلقئارا قانۇنلارغا ئۇيغۇن ھەرىكەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى ياپونىيەنى تەنقىدلەپ، ئۇنىڭ ھەرىكىتى «خەتەرلىك ئىغۋاگەرچىلىك» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. بىراق ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئىتسۇنورى ئونودېرا، خىتاينىڭ ھەربىي مانېۋىرىغا مۇداخىلە قىلغانلىقىنى رەت قىلدى.
ئۇ، مانېۋىر سېنكاكۇ ئارىلىنىڭ جەنۇبىيدىكى ساكىشىما تاقىم ئاراللىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئونودېرا، بىز مانېۋىرنى خەلقئارا قانۇنلارغا ئاساسەن ئېھتىيات يۈزىسىدىن كۆزەتتۇق، خىتاينىڭ قارىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ، دېدى.
ئۆتكەن ھەپتە، خىتاينىڭ بىر ئۇرۇش ئايروپىلانى 3 كۈن ئۇدا ياپونىيە ھاۋا بوشلۇقى ئەتراپىدا ئۇچۇش ئېلىپ بارغان. ياپونىيە بولسا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى چىقىرىپ، خىتاي ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكىتىنى توسقان. ياپونىيە ئاخباراتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزو ئابې ياپونىيە ھاۋا بوشلۇقىغا كىرگەن ئادەمسىز چەتئەل ئايروپىلانلىرىنى ھېچقانداق ئاگاھلاندۇرۇش بەرمەي ئېتىپ چۈشۈرۈشكە بۇيرۇق بەرگەن.
خىتاي ئۆتكەن شەنبە كۈنى ياپونىيە ئاخباراتىنىڭ بۇ خەۋىرىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.