سابىق خىتاي كوماندىرى ياپونىيەگە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن

ياپونىيە باش ۋەزىرى ياپونىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە رۇخسەتسىز كىرگەن ھەرقانداق ئايروپىلانلارنى ئېتىپ چۈشۈرۈش بۇيرۇقى بەرگەندىن كېيىن، سابىق خىتاي كوماندىرى ئوبزور ئېلان قىلىپ، ئەگەر شۇنداق بولسا ئۇرۇش پارتلايدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.

ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې بۇ يىل 26-ئۆكتەبىر ھاۋا ئارمىيە قىسىملىرىغا ئەگەر ياپونىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە رۇخسەتسىز كىرىپ، ئاگاھلاندۇرۇشلارغا پەرۋا قىلمىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار قاتارلىقلارنى ئېتىپ چۈشۈرۈش بۇيرۇقى بەرگەن.

نەنجىڭ ھەربىي رايونىدىن پېنسىيىگە چىققان كوماندىر ۋاڭ خوڭگۇاڭ 6-نويابىر «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» دە ئېلان قىلغان ئوبزورىدا ئەگەر شۇنداق بولسا خىتاينىڭمۇ ھەربىي ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: ياپونىيە ئايروپىلانلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ياپونىيەگە قايتۇرۇلغان ئەڭ كىچىك دەرىجىدىكى ئىنكاس تۇر.

ۋاڭ خوڭگۇاڭ يەنە ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېنى روھىي جەھەتتىن تەييار بولۇشقا چاقىرغان.

سېنكاكۇ ئارىلى نۆۋەتتە ياپونىيەنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇپ، خىتايلار بۇنى «دياۋيۈ ئارىلى» دەپ ئاتايدۇ.

بۇ يىل سېنتەبىردە مەزكۇر ئارال تەۋەلىكىدە ئىگىسى ئېنىق بولمىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار بايقالغاندىن كېيىن، ياپونىيە تەرەپ كۈرەشچى ئايروپىلانلارنى ئىشقا سېلىپ ئىنكاس قايتۇرغان.

سېنكاكۇ مەسىلىسى ياپونىيە-خىتاي دىپلوماتىيىسىدىكى نازۇك ۋە كەسكىن تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە.