ياپونىيەنىڭ مۇئاۋىن باش ۋەزىرى جىرو ئاكامانىڭ تەيۋەن زىيارىتى خىتاينىڭ ئوغىسىنى قايناتقان

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۈگۈن يۇقىرى ھارارەت بىلەن قاقشاپ، ياپونىيەنىڭ مۇئاۋىن باش ۋەزىرى جىرو ئاكامانىڭ تەيۋەن زىيارىتىگە قاتتىق ئېتىراز بىلدۈرگەن.

«ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، جىرو ئاكامانىڭ بۇ قېتىملىق تەيۋەن زىيارىتى خىتاي بىلەن ياپونىيە 1972-يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن بۇيان ياپونىيە تەرەپنىڭ تۇنجى قېتىم مۇئاۋىن باش ۋەزىر دەرىجىلىك ئەمەلدارىنى تەيۋەنگە ئەۋەتىشى ئىكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ ياپونىيە تەرەپنى «تەيۋەن مەسىلىسى» دە «چاتاق تېرىۋاتقانلىقى» ۋە «ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىگە توقۇناق بالا» پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى بىلەن ئەيىبلىگەن.

خۇا چۈنيىڭ يەنە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سېنكاكۇ ئارىلىنى چۆرىدىگەن تالاش-تارتىشلارنى تىلغا ئېلىپ، «دياۋيۈ تاقىم ئاراللىرى جۇڭگونىڭ تېررىتورىيە مىراسخورلۇقىدىكى جاي ھېسابلىنىدۇ. بىز بۇ يەرگە بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىمىزنى داۋاملىق تەكىتلەيمىز،» دېگەن.

كۆزەتكۈچىلەر، ياپونىيە مۇئاۋىن باش ۋەزىرى جىرو ئاكامانىڭ ياپونىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى تازا جىددىيلەشكەن بىر مەزگىلدە تەيۋەننى زىيارەت قىلىشى «خىتاينىڭ ئېچىشقان يارىسىغا تۇز سەپكەنلىك بولدى،» دەپ قارىماقتا.