ياپونىيە خىتاي كېمىلىرىنىڭ سېنكاكۇ ئارىلىغا يېقىنلاشقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى

ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى فۇمىيو كىشىدا 9-ئاۋغۇست ئەتىگەن خىتاينىڭ ياپونىيەدىكى باش ئەلچىسى چېڭ يۇڭخۇانى چاقىرتىپ، 8-ئاۋغۇست كۈنى خىتاينىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان كېمىلىرىنىڭ ياپونىيەگە تەۋە سېنكاكو ئارىلىغا يېقىن دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن.

ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە نەقىل ئېلىشىچە، بۇ ياپونىيەنىڭ خىتاينىڭ ياپونىيەدىكى باش ئەلچىسىنى بەش كۈن ئىچىدە ئىككىنچى قېتىم چاقىرتىشى ۋە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ نارازىلىق بىلدۈرۈش ۋەقەسى بولۇپ، ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى سۆزىدە، ياپونىيە -خىتاي مۇناسىۋىتى ھازىر «كۆرۈنەرلىك يامانلىشىشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە» دېگەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي باش ئەلچىسى ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى كۆرۈشۈشتىن كېيىن مۇخبىرغا ئېيتقان سۆزىدە سېنكاكو ئارىلىنىڭ خىتاي زېمىنى ئىكەنلىكى، شۇڭا ياپونىيەنىڭ خىتاي پاراخوتلىرىنىڭ مەزكۇر دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرىشى مەسىلىسىدە غودۇرىماسلىقى كېرەكلىكىنى ئېيقان.

ياپونىيە تاراتقۇلىرى خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 8-ئاۋغۇست كۈنى خىتاينىڭ 14 دانە كېمىسى سېنكاكو ئارىلىغا يېقىن دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەن. ياپونىيە تاراتقۇلىرى بۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەڭ كۆپ ساندىكى خىتاي كېمىلىرىنىڭ مەزكۇر ئارالغا ئەڭ يېقىن دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

سېنكاكو ئاراللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسى ئۇزۇندىن بۇيان ئىككى دۆلەت ئارىسىدا تالاش-تارتىش ئۈستىدە تۇرماقتا.