خىتايدىكى ياشلار ئارىسىدا تېزدىن ئېشىپ بېرىۋاتقان ئىشسىزلىق نىسبىتى يېقىندىن بۇيان ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن كەڭ ئورۇن ئېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىگە ئۆزلىرىنىڭ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
«مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ 15-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ياشلاردىكى ئاللىقاچان 21 پىرسەنتتىن ئېشىپ كەتكەن ئىشسىزلىق نىسبىتىنى كونترول قىلىدىغانلىقىنى ھەمدە بۇنىڭغا ماس بەزى تەدبىرلەرنى ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتايدىكى ياشلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى ئەمەلىيەتتە ھۆكۈمەت تەرەپ ئېلان قىلغان 21 پىرسەنتتىن خېلىلا يۇقىرى دەپ تەخمىن قىلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇنداق ئەھۋالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خۇسۇسىيلار ئىگىلىكى ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا تىرىشىشى «پايدىسىز بىر ئۇرۇنۇش» دەپ قارالماقتا ئىكەن. خىتاي دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى فۇ لىڭخۇي بۇ ھەقتىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا «بىز ھازىر بۇنىڭغا ماس ھالدا 15-ئاۋغۇستتىن باشلاپ ياشلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتىگە دائىر ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلماسلىقنى قارار قىلدۇق. چۈنكى دۆلىتىمىز ھازىر بۇنىڭغا مۇناسىپ بەزى تەدبىرلەرنى ئويلىشىۋاتىدۇ» دېگەن.
ھالبۇكى، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى ئالدىنقى يىللاردىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن زور دەرىجىدە تۆۋەنلەۋاتقان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى قەرز ئۆسۈمىنى تۆۋەنلىتىش، ئىستېمالغا رىغبەتلەندۈرۈش قاتارلىق كۆپلىگەن چارىلەرنى ئىجرا قىلىشقا كىرىشكەن. بولۇپمۇ بازاردىكى ئوبوروتنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆز پۇقرالىرىنى ئىچكى ئىستېمالغا، جۈملىدىن ئاپتوموبىل ۋە ئۆي سېتىۋېلىش، ساياھەتكە چىقىش قاتارلىق تۈرلەرگە رىغبەتلەندۈرۈشكە باشلىغان. ئەمما ئىشسىزلىق تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىۋاتقان ئىقتىسادىي بېسىم ۋە «يانچۇقنىڭ بوشاپ قېلىشى» سەۋەبىدىن بۇ چارىلەرنىڭ بەك چوڭ رولى بولمىغانلىقى مەلۇم. نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى ئۇچۇرلارنى يوشۇرۇشقا ئۆتۈشىمۇ بۇ ھەقتىكى تۈرلۈك گۇمانلارغا سورۇن ھازىرلاۋاتىدۇ، دەپ قارالماقتا.