6-ئاينىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي-ياۋرو ئاسىيا سودا يەرمەنكىسىدە بىڭتۈەن ئۆزىنىڭ كۆرگەزمە ۋەزىپىسىنى ئاشۇرۇپ ئورۇنداپ، چەت ئەلدىكى سودا شېرىكلىرى ۋە چۆپقەتلىرىنى كۆپەيتمەكچى بولغان.
«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» 2-ئىيۇل كۈنى چىقارغان خەۋەرگە قارىغاندا، بىڭتۈەن بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە «بىڭتۈەن مېلى» ماركىسىنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈشكە ئۇرۇنغان؛ بىڭتۈەنگە قاراشلىق 130 نەچچە كارخانا 320 خىلدىن ئارتۇق مەھسۇلاتىنى كۆرگەزمە قىلغان؛ بۇنىڭ ئىچىدە پاختا تېرىش ماشىنىسى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يەر سۇغىرىش سىستېمىسى، ئادەمسىز ئۇچقۇ، سىلىتسىي، ئاليۇمىن ۋە كاربون ماتېرىياللىرى قاتارلىق مەھسۇلاتلار بار ئىكەن.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يېرى شۇكى، بىڭتۈەن كارخانىلىرى كۆرگەزمە قىلغان بۇ مەھسۇلاتلار بىڭتۈەن ئورۇنلىرى پاختا ۋە كان مەھسۇلاتلىرىغا باغلىنىشلىق مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىق دەپ ئەيىبلىنىپ، مەھسۇلاتلىرى چەكلىنىپ كېلىۋاتقان ئەھۋالدا كۆرگەزمە قىلىنغان بولۇپ، پاختا تېرىش ماشىنىسى ۋە ئادەمسىز ئۇچقۇنىڭ ئالاھىدە كۆرسىتىلىشى، خىتاينىڭ بۇ رايوندا «مەجبۇرىي پاختا تېرىش ئاياغلاشتى، ھەممە مەشغۇلات ماشىنىلاشتى» دېگەن تەشۋىقاتىغا ماسلاشقان.
ئامېرىكانىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» 2022-يىل 6-ئايدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنغاندىن بۇيان، بىڭتۈەننىڭ پاختا مەھسۇلاتلىرى ئامېرىكا ۋە بەزى غەرب دۆلەتلىرىدە چەكلىمىگە ئۇچراپ كەلمەكتە ئىدى. بىڭتۈەن بۇنىڭغا قارشى ھالدا تەشۋىقاتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، 2023-يىل 5-ئايدا «خىتاي خەۋەرلىرى تورى» ئۇيغۇر رايونىدىكى زور كۆلەملىك كېۋەزلىكلەرنىڭ ئادەمسىز ئۇچقۇ بىلەن ئوغۇتلىنىدىغانلىقى ۋە دورا چېچىلىدىغانلىقىنى، پاختا تېرىش مەشغۇلاتىنىڭ ماشىنا بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلغانىدى.