ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەھبەرلىرى خىتاينى ۋەدىسىگە ۋاپا قىلماسلىقتا ئەيىبلىدى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازى بارغانسېرى سەلبىي تۈس ئېلىۋاتقاندا ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆزلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولىدىغان مۇناسىۋىتىدە نۇرغۇنلىغان ۋەدىلەرنىڭ ئورۇندالمىغانلىقىنى ئەپسۇسلۇق ئىچىدە ئەسلەپ چىقتى. «جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتى» نىڭ 23 ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بۇ مەسىلە تەپسىلىي شەرھىلىنىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ھەققىدە بەزى پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا لېيان ئالاھىدە تىلغا ئالغان نۇقتىلار ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئارقىلىق بىر-بىرىگە مەبلەغ سېلىش ۋەدىلىرىدىن تارتىپ كىلىمات ئۆزگىرىشىگىچە بولغان ساھەدىكى كېلىشىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئەمما بۇ ۋەدىلەر ۋە كېلىشىملەردىن ئىجرا بولغانلىرى بەكمۇ ئاز ئىكەن. بولۇپمۇ يېقىنقى مەزگىلدە يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقان خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە نامايىشىنىڭ باستۇرۇلۇشىغا بولغان نارازىلىقلار، كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى دەپسەندىچىلىك، خىتاينىڭ تور ساھەسىدىكى ساختا ئۇچۇر تارقىتىش قىلمىشلىرى قاتارلىقلار ھەممىدىنمۇ بەكرەك دىققەت مەركىزىدە بولماقتىكەن.

ئۇرسۇلا خانىم بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ھازىر ئەڭ زور خىرىسلارغا تولغان بىر مەزگىلگە توغرا كېلىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ تور ھۇجۇمىغا قارايدىغانلا بولساق بۇنىڭ نەدىن كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيمىز» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بۇ يىل ماي ئېيىدىن باشلاپ يىرىكلىشىشكە باشلىغان. بولۇپمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينى «سىستېمىلىق رەقىب» دەپ بېكىتكەندىن كېيىن بۇنىڭغا ئۇلىشىپلا ئوتتۇرىغا چىققان 5G تېخنىكاسىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر بۇنىڭغا چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن. ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردىمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان خۇاۋېي شىركىتىنى چەكلەش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇش مەسىلىسى ھەققىدە كۈچلۈك مۇنازىرىلەر داۋام قىلماقتىكەن. يەنە بىر ياقتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىمقى تاجسىمان ۋىرۇسى مەزگىلىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قارىتا «ماسكا دىپلوماتىيەسى» نى ئىشقا سېلىشى، ئامېرىكاغا بولسا «ئۇرۇشقاق بۆرىلەر» شەكلىدە ئەيىبنى باشقىلارغا ئارتىپ قويۇشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشى تۈپەيلىدىن بۇ خىل يىرىكلىك تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقماقتىكەن.