ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي سودا ئىختىلاپى قىزىشقا باشلىغان، خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقىنى WTO غا ئەرز قىلغان

ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئارىسىدا سودا ئۇرۇشى پارتلاش سىگناللىرى چېلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي ئېكسپورت قىلغان توكلۇق ئاپتوموبىللىرىغا باج قويۇشىنى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز قىلغان.

ياۋروپا ئىتتىپاقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي توكلۇق ئاپتوموبىل سانائىتىنى قوشۇمچە ياردەم بىلەن تەمىنلەپ، ئادالەتسىز رىقابەت پەيدا قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ كەلگەن ئىدى. «ياخۇ مالىيە خەۋەرلىرى» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي سودا مىنىستىرلىقى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي توكلۇق ئاپتوموبىللىرىغا 48 پىرسەنتكىچە باج قويۇش قارارىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ كېسىم چىقىرىش مېخانىزمىغا رەسمىي ئەرز سۇنغان.

خىتاي سودا مىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قارارى پاكىت ۋە قانۇنىي ئاساسلاردىن يىراق بولۇپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپ. شۇنداقلا بۇ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى يەر شارىۋىي ھەمكارلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلغان» دەپ كۆرسەتكەن.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ خىتاي توكلۇق ئاپتوموبىل سانائىتىنىڭ ماتېرىيال پىششىقلاپ ئىشلەش باسقۇچىغا مەركەزلەشكەنلىكى سەۋەبىدىن كىشىلىك ھوقۇق ئېمبارگوسى قويۇشقا چاقىرىق قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ياۋروپا كومىسسىيونى بۇ يىل 7-ئايدا، توكلۇق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىشىغا خىتاينىڭ قوشۇمچە ياردەم بېرىشى سەۋەبىدىن باج قويغان ئىدى. بۇنىڭ ئالدىدا، يەنى بۇ يىل 4-ئايدا ياۋروپا پارلامېنتى مۇتلەق كۆپ ئاۋازنىڭ ماقۇللىشىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش قانۇنى ماقۇللاپ، مەجبۇرىي ئەمگەك، جۈملىدىن بالىلار ئەمگىكىدە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ياۋروپا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلىگەن ئىدى. بۇ قانۇن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئۈنۈملۈك توسۇشى سوئال پەيدا قىلغان. بۇ قانۇن چىقىرىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي «شىنجاڭ پەمىدۇرى» مەھسۇلاتلىرىنىڭ ياۋروپا-ئاسىيا ئوتتۇرا لىنىيە تىرانسپورت يولى ئارقىلىق ئىتالىيە كىرگەنلىكى مەلۇم بولغان. بۇ قېتىم خىتاينىڭ ئۆتكەن ئايدا ئامېرىكانىڭ خىتاي توكلۇق ئاپتوموبىللىرىغا 100 پىرسەنتكىچە باج ئېلىش قارارىدىن كېيىن، ئامېرىكانى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز قىلىشىدىن بۇيان، نۆۋەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۈستىدىنمۇ ئەرز سۇنۇشىدۇر.