خىتاي ھۆكۈمىتى فىرانسىيە، گېرمانىيە قاتارلىق ئالتە دۆلەتنى خىتايغا ۋىزىسىز كىرىش تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

24-نويابىر كۈنى «رويتېرس ئاگېنتلىقى» قاتارلىق خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، گوللاندىيە، ئىسپانىيە، مالايسىيا قاتارلىق ئالتە دۆلەت پۇقرالىرىنى خىتايغا ۋىزا ئالماي كىرىشكە ۋە 15 كۈن تۇرۇشقا رۇخسەت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىغا قارىغاندا، بۇ يىل 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ 2024-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە يۇقىرىقى ئالتە دۆلەتنىڭ پۇقرالىرى خىتايغا بېرىپ خىزمەت ۋەزىپىسى بېجىرىش، ساياھەت قىلىش، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىنى يوقلاش ئۈچۈن ۋىزا تەلەپ قىلمىسىمۇ بولىدىكەن، ئەمما خىتايدا تۇرۇش ۋاقتى 15 كۈندىن ئاشماسلىقى كېرەك ئىكەن.

خەۋەرلەردە تەخمىن قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ بۇنىڭدىكى مەقسىتى خىتاينىڭ چۆكۈۋاتقان ئىقتىسادىنى جانلاندۇرۇش ۋە كوۋىد يۇقۇمىدىن كېيىن كاساتلاشقان ساياھەتچىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش ئىكەن. چۈنكى ئۈچ يىللىق كوۋىد يۇقۇمى مەزگىلىدە خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە يوللىرىنى چەكلەپ، خىتاينى سىرتقى دۇنيادىن ئايرىۋەتكەن. كېيىن گەرچە كوۋىد قامال سىياسىتى ئاياغلىشىپ، خەلقئارا باردى-كەلدىلەر كۆپەيگەن بولسىمۇ، ئىقتىساد ۋە ساياھەتچىلىكنىڭ ئەسلىگە كېلىشى يەنىلا تەس بولغان.

ئىگىلىشىمىزچە، بۇ خەۋەر ھازىر فېسبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلانغان بولۇپ «فىرانسىيە، گېرمانىيە، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ئۇيغۇرلار خىتايغا ۋىزىسىز كىرەلەمدۇ ياكى ئۇدۇل بېرىپ خىتاينىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشەمدۇ؟ » دېگەن مەسىلىلەر ئەڭ كۆپ مۇنازىرە قىلىنماقتا.