خىتاي يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنى پارتىيەگە خىزمەت قىلىشقا چاقىرغان

«تەڭرىتاغ تورى»، «شىنجاڭ گېزىتى» تورىنىڭ 20-ئىيۇن كۈنى چىقارغان خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى ۋە مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ خۇڭسېن 6-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە ئۇيغۇر رايونىدا «تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش» تا بولغان ۋە «پارتىيەنىڭ ئەدەبىيات خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، ئاساسىي قاتلامدىكى يازغۇچىلار قوشۇنىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش» نى تەكىتلىگەن.

ئۇ كۆپ مەيدان ئۆتكۈزگەن سۆھبەت يىغىنلىرىدا «شىنجاڭ يازغۇچىلىرى شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇشنىڭ ئاساسلىق قوشۇنى، بۇ ئىشتا شىنجاڭنىڭ ئەدەبىيات قوشۇنىغا تايىنىش كېرەك؛ يازغۇچىلار بۇ بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئىپادىلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەيدىغان مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى يارىتىشى كېرەك» دېگەنلەرنى تەكرارلىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىل ئوقۇتۇشىنى چەكلەپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى دەرسلىكتىن چىقىرىپ تاشلاپ، يازغۇچىلارنى لاگېر-تۈرمىلەرگە قاماپ، زور كۆلەمدە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بارغان، پېشقەدەم يازغۇچىلار ئۆلۈپ، ياشلىرى تۈرمە-لاگېرلارغا قامالغان بىر ۋەزىيەتتە جاڭ خۇڭسېننىڭ بۇ خىل تەشۋىقاتنى قىلىشى ئۇيغۇر دىيارىدا ئەدەبىياتنىڭ ئاساسەن ئۆلگەنلىكىنى، پارتىيە ھەممىنى كونترول قىلىدىغان ئەدەبىياتنىڭمۇ قىزىل تەشۋىقاتتىن باشقا نەرسە بولالمايدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇيغۇرلارنىڭ تىنىقى ۋە ئاۋازى بولۇپ كەلگەن ئەختەم ئۆمەر، پەرھات تۇرسۇن، ئابباس مونياز، ياسىنجان سادىق چوغلان، ئادىلجان تۇنياز قاتارلىق يازغۇچى-شائىرلار تۈرمە-لاگېرلارغا قامالغان بولۇپ، سىرتتا قالغانلىرى تەقىب ئاستىغا ئېلىنغان ۋە سىياسىي شوئاردىن باشقا نەرسە يازالمايدىغان ھالغا كېلىپ قالغان. ئامېرىكالىق ئانتروپولوگ ۋە ئۇيغۇرشۇناس دەررېن بايلېر بۇ ھەقتە رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېردىن ئامان قالغان ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئارقىلىق خىتاينىڭ سىياسىتى ۋە شوئارىنى تەشۋىق قىلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئورنىنى خىتاي ياكى خىتاي تىللىق باشقا يازغۇچىلار ئىگىلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.