يېڭى زېلاندىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىدە بايان قىلىنىشىچە، يېڭى زېلاندىيەنىڭ كىرىسچارچ شەھىرىدىن كەلگەن، بىر تۈركۈم رادىكال مىللەتچىلەر، ئاۋكلان شەھىرىدە ياشاۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ خەۋپ - خەتەرلىرى ھەققىدە تەشۋىقات ۋاراقلىرى تارقىتىش ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىگە قارشى ھۇجۇم ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن بىر قىسىم تەييارلىق پائالىيەتلىرى بىلەن مەشغۇل بولغان.
مەلۇم بولۇشىچە، تەييارلانغان تەشۋىقات ۋاراقلىرىدىن بىرىگە «ئاسىيا كۆچمەنلىرىنىڭ ئىستىلاسىنى توختىتايلى» دەپ يېزىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا يېڭى زېلاندىيەنىڭ ھوۋاك، نورتكوتې ۋە پاكۇرانگا شەھەرلىرىدىمۇ ئوخشاش تەشۋىقات ۋاراقلىرى تارقىتىلغان بولۇپ، ئۇ چاغدا ساقچىلارنىڭ جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشى بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرىگە قارشى ھۇجۇملارنىڭ ئالدى ئېلىنغان. شۇڭا بۇ قېتىم ئاۋكلاند شەھەر پارلامېنتىدىكى خىتاي نەسىللىك ئەزا بېۋان چۇاڭ ئاخبارات ئېلان قىلىپ، يېڭى زېلاندىيەدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنى ھۇجۇملارغا قارىتا سەگەك بولۇشقا، يېڭى زېلاندىيە ساقچىلىرىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپ، يېڭى زېلاندىيەدىكى خىتاي كۈچمەنلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا چاقىرغان.