دائىرىلەرنىڭ سىچۈەن يائەندىكى يەر تەۋرەشتە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەمنى رەت قىلىشى ھەر خىل ئىنكاسلارنى قوزغىدى

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلار ۋە ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقى قاتارلىق خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، سىچۈەننىڭ تىبەتلەر ۋە خىتايلار ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان يائەن شەھىرىدە 20 - ئاپرېل يۈز بەرگەن 7 بال يەر تەۋرەشتىن كېيىن، شۇ جاي ۋاقتى 23 - ئاپرىل سەيشەنبە كۈنى كېچىگىچە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاھالە 40 مىڭدىن ئاشقان.

ئۆلگەنلەر 193 نەپەرگە، يوقاپ كەتكەنلەر25 نەپەرگە، يارىلانغانلار 12 مىڭ 211 نەپەرگە يەتكەن. ئاپەت رايونىدا سۇ، يىمەك، چېدىر قاتارلىق نەرسىلەرگە بولغان ئېھتىياج ئېشىپ، كېرەكلىك يىمەكلىك ۋە ئەسلىھەلەر يېتىشمىگەنلىكى ئۈچۈن رايوندا نارازىلىق يۈز بەرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، لۇشەن ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئاپەت رايونىغا ياردەمگە كەلگەنلەرنى ساقچىلارنى ئەۋەتىپ توسقان ۋە ئۇلارغا ئاپەت رايونى تاغلىق رايون بولغىنى ئۈچۈن كىرىش قولايسىزلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى، خەلقئارا جەمئىيەت، ئىجتىمائى تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا بېرىلىدىغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، خەلقئارادا بۇ ئەھۋالغا قارىتا تۈرلۈك ئىنكاسلار قوزغالدى. رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاپەت رايونىغا ياردەم ئۈچۈن كەلگەن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇاڭ چى قاتارلىقلار ۋە چېڭدۇدىن ياردەم ئۈچۈن كەلگەن نۇرغۇنلىغان تىبەتلەر ئاپەت رايونىغا كىرگۈزۈلمىگەن.

كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇاڭ چى بۇندىن بەش يىل ئىلگىرى يەنى 2008 - يىلى سىچۈەننىڭ ۋېنچۈەن ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن 70 مىڭ ئادەم ئۆلگەن قاتتىق يەر تەۋرەشتە، شۇ جايدىكى مەكتەپلەر قۇرۇلۇشىنىڭ ئۆلچەمسىزلىكى سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىنا بېسىۋېلىپ ئۆلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغانلىقى ئۈچۈن 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.خۇاڭ چى ئەپەندى بۈگۈن ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، دائىرىلەرنىڭ بۇ قېتىم يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە خەلقئارانىڭ ياردىمىنى رەت قىلىشىدىكى سەۋەب ھەققىدە توختىلىپ، دائىرىلەرنىڭ رايوندىكى سەتچىلىكلەرنىڭ خەلقئاراغا ئاشكارىلىنىپ كېتىشىنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن، سىرتنىڭ ياردىمىنى رەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.