خىتاي كومپارتىيىسى 3-ئومۇم يىغىننىڭ ئېچىلىش كۈنى بولغان 9-نويابىر كۈنى، بېيجىڭنىڭ شىچېڭ رايونىدىكى رېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ ئالدىدا مىڭدىن ئارتۇق ئەرزدار نامايىش ئۆتكۈزگەن.
نامايىشچىلار ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي ئەرز-شىكايەتلىرى بايان قىلىنغان لەۋھەلەرنى كۆتۈرگەندىن باشقا يەنە، «ئەدلىيە سىستېمىسى ئىسلاھ قىلىنسۇن!»، «چىرىكلىككە خاتىمە بېرىلسۇن!» دېگەندەك لوزۇنكىلارنىمۇ كۆتۈرۈشكەن.
يۇلتۇزلۇق ئارال ناملىق خىتايچە خەۋەر تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرى نامايىش مەيدانىغا تېزدىن يېتىپ كېلىپ نامايىشچىلارنى تارقىتىۋەتكەن. خەۋەردە يەنە بايان قىلىنىشىچە، بىر تۈركۈم ئەرزدارلار خىتاي دۆلەت كابىنېتىنىڭ ئەرزىيەت ئىدارىسى ئالدىدىمۇ توپلىنىپ يۇقىرىقىدەك شوئارلارنى توۋلىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ بىخەتەرلىك خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا تيەنئەنمېن مەيدانىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئادەتتىن تاشقىرى ئەھمىيەت بەرگەن ۋە كۈچ سەرپ قىلغان. يۇقىرىقى خەۋەردە تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى بىخەتەرلىك كۈچلىرى «شامال ئۆتمەيدىغان دەرىجىدە زىچ» دەپ تونۇشتۇرۇلغان.