خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 6-ئومۇمىي يىغىنى «3-قېتىملىق تارىخىي قارار» ماقۇللاپ، شى جىنپىڭنىڭ ئورنىنى مۇستەھكەملىگەن

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 11-نويابىر ئاخىرلاشقان 6-ئومۇمىي يىغىنى «3-قېتىملىق تارىخىي قارار» ماقۇللاپ، شى جىنپىڭنىڭ ھاكىممۇتلەق سىياسىي ئورنىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىگەن.

يىغىن «خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش تارىخىدىكى زور تۆھپىسى ۋە تارىخىي تەجرىبىلىرى توغرىسىدىكى قارار» ناملىق ھۆججەتنى ماقۇللىغان. بۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق تارىخىدا 3-قېتىم بۇنداق بىر ھۆججەتنى ماقۇللىشىدۇر. خىتاي كومپارتىيەسى تۇنجى قېتىم 1945-يىلى ماۋزېدوڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر قانچە تارىخىي مەسىلە ھەققىدىكى قارار» نى ماقۇللىغان.

ئىككىنچى قېتىم 1981-يىلى خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى دېڭ شاۋپىڭنىڭ «دۆلەت قۇرۇلغاندىن بېرى پارتىيەنىڭ بىر قانچە تارىخىي مەسىلىلەر ھەققىدىكى قارارى» نى ماقۇللىغان. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىم بۇ قارار ئارقىلىق شى جىڭپىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى ئەۋلات رەھبىرى ماۋ زېدوڭ ۋە دېڭ شاۋپىڭ بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇلغان.

مەزكۇر قاراردا شى جىنپىڭ «يېڭى دەۋردىكى خىتايچە سوتسىيالىزىم ئىدىيەسىنىڭ ئاساسلىق قۇرغۇچىسى» دېيىلگەن. شۇنداقلا يەنە ئۇنىڭ 2012-يىلى تەختكە چىققاندىن بېرى خىتاي دۇچ كەلگەن خرىستلار، ئۇنىڭ بۇ خرىسلارنى قانداق يەڭگەنلىكى كۆرسىتلىپ، شى جىنپىڭ «زور سىياسى جاسارەتكە، كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىققا ئ‍ىگە ئۇلۇغ رەھبەر» دەپ ماختالغان.

قاراردا ئۇنىڭ ئالدىنقىلار ھەل قىلالمىغان نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن. بىراق قاراردا ئۇنىڭ ئالدىنقىلار ھەل قىلالمىغان قانداق مەسىلىلەرنى ھەل قىلغانغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ پەرەز قىلىشىچە، بۇ يەردىكى شى جىنپىڭ ھەل قىلغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى، ئاتالمىش «شىنجاڭ مەسىلىسى» ئىكەن. ئۇ «يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستىراتېگىيەسى» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇيغۇرلارغا پۈتكۈل مىللەت گەۋدىسى بىلەن ئومۇمىييۈزلۈك زەربە بەرگەن. ئۇنىڭ بۇ يوقىرى بېسىملىق باستۇرۇش سىياسىتى بەزى غەرب دۆلەتلىرى پارلامېنتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلىرى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئەيىبلەنگەن.