خىتاي ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا «يىلتىز تارتىشقا» رىغبەتلەندۈرۈلگەن

خىاي ھۆكۈمىتى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى ئۇيغۇر ئېلىدا «يىلتىز تارتىش» قا رىغبەتلەندۈرمەكتە.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 6 ـ ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر مەخسۇس خىتاي نېفىت ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ قاراماي مەكتەپ رايونىدا مەخسۇس بۇ ھەقتە بىر يىغىن ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىنغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى خې جۇڭيوۋ رىياسەتچىلىك قىلغان.

خەۋەرگە قارىغاندا، شۇ كۈنى خىتاي نېفىت ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ قاراماي مەكتەپ رايونىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا مۇنداق سۆزلەر تەكىتلەنگەن: «باشتىن ـ ئاخىر شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردىكى خىتايچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىلىرى ۋە سادىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىلىرىدىن بولۇش؛ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش؛ مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش؛ سىياسىي جەھەتتە سەگەك بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداش ئۈچۈن ياشلىق كۈچىنى تەقدىم قىلىش؛ ئىرادىدىن قايتماي شىنجاڭدا يىلتىز تارتىپ، شانلىق كىشىلىك ھايات سەھىپىسىنى يارىتىش كېرەك.»

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر يىغىن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بېيجىڭدىكى خىتاي نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قاراماي شۆبىسىنى پۈتتۈرگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا يازغان جاۋاب خېتىنىڭ ئىككى يىللىق خاتىرىسىگە بېغىشلاپ ئېچىلغان ئىكەن. بۇندىن ئىككى يىل ئاۋۋال شى جىنپىڭ خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدا يىلتىز تارتىشقا چاقىرغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ بۇ خېتى خىتايدىكى ھۆكۈمەت تور بەتلىرىدە كەڭ تەشۋىق قىلىنغان ئىدى.

مەزكۇر يىغىندا يەنە «شى جىنپىڭنىڭ ياشلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ياش ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلارنى شىنجاڭغا كېلىپ ئوقۇش ۋە ئىشلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا جەلپ قىلىش؛ تۈرلۈك چارە ـ تەدبىرلەرنى ئىشقا سېلىپ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىشى ۋە چېگرا رايونغا ئۆزىنى بېغىشلىشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاش» ھەققىدە يوليورۇق بېرىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017- يىلىدىن تارتىپ ئۇيغۇر ئېلىدا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكىتى يۈرگۈزۈپ ئاز دېگەندە 2 مىليون ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قامىغان ۋە يەنە نۇرغۇنلىغان ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي ھالدا يۆتكىگەن. شۇندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىغا ھەر خىل نام ۋە باھانىلار بىلەن خىتاي نوپۇسىنى يەرلەشتۈرۈشنى مۇھىم ئىستراتېگىيە قاتارىدا ئىجرا قىلىپ كەلمەكتە.