ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى ئالاھىدە كومىتېتى سېكويانىڭ خىتاي يۇقىرى تېخنىكا ساھەسىدىكى مەبلىغىنى تەكشۈرۈشنى كېڭەيتكەن

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى ئالاھىدە كومىتېتى خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكا ساھەسىگە مەبلەغ سالغان ئامېرىكا سەرمايە شىركەتلىرىگە قارىتا تەكشۈرۈشنى كېڭەيتكەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ رەئىسى مايك گاللاگېر بىلەن بۇ كومىتېتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەزاسى كرىشنامورتى، يېقىندا ئامېرىكا سېكۇيا (Sequoia) كاپىتال شېركىتىگە مەكتۇپ يېزىپ، بۇ شىركەتنىڭ سودىسىنى سېكۇيا كاپىتال ۋە خىتاي سېكۇيا كاپىتال، دەپ ئىككىگە ئايرىغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي سېكويا كاپىتال شىركىتىنىڭ داۋاملىق خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسى بىلەن مۇناسىۋىتى بار شىركەتلەر ھەم ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ھەمكارلاشقان كارخانىلارغا مەبلەغ سالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇلارنىڭ بۇنىڭغا چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

مەكتۇپتا، مايك گاللاگېر بىلەن كرىشنامورتى سېكويادىن ئۇنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۈنئىي ئەقىل، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ۋە كۇۋانتۇم ھېسابلاش شىركەتلىرىگە سالغان مەبلىغى، شۇنداقلا سېكويانىڭ ئىككىگە ئايرىلىشىغا ئائىت ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىشىنى تەلەپ قىلغان. پالاتا ئەزالىرىنىڭ مەكتۇپتا كۆرسىتىشىچە، سېكويا كاپىتال شىركىتى مەبلەغ سالغان خىتاي كارخانىلىرىنىڭ ئىچىدە خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىگە چېتىشلىق شىركەتلەردىن سىرت، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىش ۋە ئىرقىي قىلىشىغا قاتناشقان ياكى ھەمكارلاشقان شىركەتلەرمۇ بار ئىكەن. مەكتۇپتا، بۇ شىركەتلەردىن خىتاينىڭ DJI ناملىق ئادەمسىز ئۇچقۇ (درون) ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى ۋە DeepGlint ناملىق شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىش، ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش ۋە يۈز تونۇش تېخنىكىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە ھەمكارلاشقانلىقى، شۇ سەۋەبتىن بۇ شىركەتلەرنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قارا تىزىملىككە ئېلىنغانلىقى تەكىتلەنگەن.

پالاتا ئەزالىرى مەكتۇپتا سېكويانىڭ خىتايدىكى سودىسىنى ئىككى ئايرىلىشى «توغرا بېسىلغان قەدەم» دەپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ، «لېكىن بۇ بۆلۈنۈشنىڭ ئامېرىكا كاپىتالىنىڭ ئېقىشىغا، تېخنولوگىيە بىرىكمىسىنىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرىدىن چەتئەل كارخانىلىرىغا ئېقىشىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ھەققىدە يەنىلا سوئاللار بار» دېيىلگەن.