خىتاينى زىيارەت قىلىۋاتقان كالىفورنىيە شتاتى باشلىقى پەقەت كىلىمات مەسىلىسىنى تەكىتلىگەن

خىتايدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان كالىفورنىيە شتاتىنىڭ باشلىقى گەۋىن نېۋسام (Gavin Newsom) خىتاينى زىيارەت قىلىشنى باشلىغان بىرىنچى كۈنىلا، خىتاي بىلەن كىلىمات مەسىلىسىدە ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

23-ئۆكتەبىر كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تور بېكىتى بولغان «تۆپىلىك» (The Hill) تە ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە كۆرە، گەۋىن نېۋسام 23-ئۆكتەبىر كۈنى خوڭكوڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، خوڭكوڭدىكى ھاۋا بۇلغىنىشىنى ئازايتىش، يېڭى تېخنىكىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە گۇاڭدۇڭ، شاڭخەي ۋە بېيجىڭغا بېرىپ، يېشىل ئېنېرگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سۆھبەتلىرىدە بولىدىكەن، ئاندىن شاڭخەيدىكى تېسلا شىركىتىنى كۆزدىن كەچۈرىدىكەن.

بۇ زىيارەتتىن ئاۋۋال، ياڭ كىم قاتارلىق ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى گەۋىن نېۋسامغا خەت يېزىپ: «بۇ قېتىملىق زىيارەت پەقەت كىلىمات مەسىلىسىگە مەركەزلىشىدۇ، دەپسىز. ئامېرىكانىڭ فېدېراتسىيە تۈزۈمى سىزنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەپسەندە قىلىش جىنايەتلىرى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشتىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرۇش باھانىسى بولۇپ قالماسلىقى كېرەك» دېگەنىدى.

مەزكۇر خەۋەرگە كۆرە، گەۋىن نېۋسامنىڭ خىتاي بىلەن پەقەت كىلىمات، ئىقتىساد ۋە تېخنىكا ھەمكارلىقىدىن باشقا تېمىلاردا سۆز قىلمىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇلۇشى، خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيەنىڭ يوق قىلىنىشىغا دائىر مەسىلىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرغانلىقى مەلۇم.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى ياڭ كىم بۇ ھەقتە X (تىۋىتتېر) دا ئۇچۇر يوللاپ، «نېۋسام كوممۇنىست خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن كالىفورنىيەدىكى فېنتانىل مەسىلىسىدىن ئۆزىنى قاچۇرغان. ئۇ كوممۇنىست خىتايغا تەسەللى بېرىمەن دەپ يۈرگۈچە، ئۆيىدە جىم ئولتۇرۇپ كالىفورنىيە خەلقىنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشى كېرەك ئىدى» دېگەن.