شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇققا كۆڭۈل بۆلىدىغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بىر ئارىغا كېلىشى بىلەن تەشكىللەنگەن «شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىرلىكى» (ASEAN)نىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ناملىق ئورگان 22-ماي كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، «شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىرلىكى» قارمىقىدىكى دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتۇۋاتقان مۇئامىلىسىنى تەنقىد قىلىشقا چاقىردى.
مەزكۇر ئورگاننىڭ رەئىسى، مالايسىيا پارلامېنت ئەزاسى چارلېس سانتىياگونىڭ نامىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش نامىدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى كەڭ كۆلەمدە لاگېرغا تۇتقۇن قىلىشىنىڭ ئەخلاقىي جەھەتتىن قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغان بىر رېياللىق ئىكەنلىكى ۋە بۇ ئورۇنلاردا تەن جازاسى يۈرگۈزۈلۈشىنىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا پۈتۈنلەي خىلاپ ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.
پارلامېنت ئەزاسى چارلېس سانتىياگو باياناتىدا ئاسىيان دۆلەتلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى سۈكۈتىنى خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى سەۋەبلىك سېلىۋاتقان مەبلەغلىرىگە باغلىغان.
ئۇ يەنە تۆۋەندىكىلەرنى بايان قىلغان: «بىز ‹شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىرلىكى› گە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىغا سۈكۈت قىلىشىنى قاتتىق تەنقىدلەيمىز ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى زالىملارچە سىياسىتىنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرىمىز. ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئېتنىك تازىلاش ھەرىكىتى دەرھال توختىتىلىشى كېرەك. مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ رايونغا بېرىپ لاگېرلار ئۈستىدىن مۇستەقىل تەكشۈرۈش يۈرگۈزۈشىگە رۇخسەت قىلىنىشى كېرەك.»
مەزكۇر باياناتتا يەنە مۇسۇلمان نوپۇسى كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان ۋە شۇنداقلا «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى» ئەزاسى بولغان ھىندونېزىيە ۋە مالايسىيانىڭ ئەسلىدە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، خىتاينى ئالدى بىلەن تەنقىدلىشى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلگەن.
يۇقىرىقى بۇ باياناتنىڭ ئۆزىنى «مۇسۇلمانلارنىڭ ئورتاق ئاۋازى» دەپ تەرىپلەيدىغان «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى» ۋە ئۇنىڭ تۈركىيەدىن باشقا ئەزا دۆلەتلىرى بېشىنى ئىچىگە تىقىۋالغان پەيتتە ئېلان قىلىنىشى دىققەت قوزغىدى.
«شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىرلىكى» (ASEAN) 1967-يىلى قۇرۇلغان رايون خاراكتېرلىك ھۆكۈمەتلەر ئارا بىر تەشكىلات. بۇ تەشكىلات تايلاند، ۋىيېتنام، سىنگاپور، فىلىپپىن، مالايسىيا، ھىندونېزىيە، كامبودژا، بىرما ۋە لائوس قاتارلىق 10 دۆلەتتىن تەشكىللەنگەن.