خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، شەندۇڭ ئۆلكىسى بىلەن قەشقەر ۋىلايىتى بىرلىشىپ، ئۇيغۇر ۋە خىتاي تىل-يېزىقىدىكى «جۇڭگو قەشقەر تورى» نى يولغا قويغانلىقى مەلۇم.
خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، شەندۇڭ ئۆلكىسى «جۇڭگو قەشقەر تورى» نى قۇرۇپ چىقىش تۈرىگە جەمئىي 30 مىليون سوم مەبلەغ سالغان بولۇپ، ئۇنى نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋېغى» دىكى كۆپ تىللىق تور بېكىتىگە ئايلاندۇرۇشنى نىشان قىلماقتىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، «جۇڭگو قەشقەر تورى» شەندۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ «مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرى» بولۇپ، مەزكۇر تورنى قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى بىلەن «قەشقەر گېزىتى» بىرلىكتە باشقۇرىدىكەن. ئۇنىڭدا ئاساسلىقى قەشقەرنى مەركەز قىلغان يىپەك يولى بەلۋېغىدىكى ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرىنى تارقىتىش، ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» تەشۋىق قىلىش ھەمدە قەشقەرنىڭ ئوبرازىنى تىكلەش قاتارلىق مەزمۇنلار تونۇشتۇرۇلىدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەربنى ئېچىش ئىستراتېگىيەسى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر بىر ۋىلايەت ۋە ئوبلاست مەلۇم بىر خىتاي ئۆلكىسىگە باغلاپ بېرىلگەن بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر بۇنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بايلىق مەنبەلىرىنى بۆلۈپ تالان-تاراج قىلىش شۇنداقلا ئىچكى خىتايدىن كۆچمەن كۆچۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمىدۇر، دەپ قارىماقتا.