قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسىدىكى سايباغ يېزىلىق مەكتەپنىڭ نامى خىتايچىغا ئۆزگەرتىلدى

ئۇيغۇربىز تورىنىڭ 26 - ئاپرېلدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر يېقىندا، قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسىدىكى سايباغ يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ نامىنى خىتايچە «جىڭخۇي باشلانغۇچ مەكتىپى» دەپ ئۆزگەرتكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئەسلىدىكى مەكتەپ بىناسىنىڭ بىر قىسمى يېقىندا چېقىۋېتىلىپ، يېڭىدىن سېلىنغان 3 قەۋەتلىك ئوقۇتۇش بىناسىغا خىتايچە ۋە ئۇيغۇرچە «جىڭخۇي» دېگەن خىتايچە نامنىڭ يېزىلىشى، يېزىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.

مەكتەپ نامىنىڭ خىتايچىغا ئۆزگەرتىلگىنىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ئۇيغۇرلار سايباغ مەركىزى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئىلگىرىكى نامى شۇ يېزىغا قاراشلىق كاپا كەنتىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان بولۇپ،كېيىن مەكتەپكە سايباغ يېزىلىق مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپ دېگەن نام بېرىلگەنلىكىنى، مانا ئەمدى مەكتەپنىڭ نامى«جىڭخۇي»دەپ ئۆزگەرتىلىپ،مەكتەپنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭمۇ پۈتۈنلەي خىتايچە ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە ئاتىلىشى يېزىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىپ، نارازىلىقىنى قوزغىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىرنەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كونا مەھەللىلەرگە، كوچا - كويلارغا خىتايچە نام بېرىلىش ئەھۋالى بارغانچە ئېغىرلاشماقتا.رادىئومىز ئىلگىرىكى ئۇچۇرلىرىمىزدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا، ئۈرۈمچى، قۇمۇل قاتارلىق شەھەرلىرىدە ھەتتا جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان قەدىمىي يۇرتلاردىكى يەر - جاي ناملىرىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، بۇ جايلارغا خىتايچە ناملار بېرىلىۋاتقانلىقى ئۇيغۇرلارنى نارازى قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدۇق.