خوتەندىكى مەكتەپلەر خىتايچە «ۋەتەنپەرۋەرلىك» تەربىيەسىنىڭ سىناق مەيدانىغا ئايلاندۇرۇلماقتىكەن

خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم ۋە خوتەندىكى ھەرقايسىي ناھىيەلەرنىڭ ھۆكۈمەت تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يەرلىك دائىرىلەر 12-ئاي كىرگەندىن بۇيان خوتەندىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئاتالمىش خىتايچە «ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى» ئېلىپ بارىدىغان بىر يۈرۇش پائالىيەتلەر تەشكىللىگەن.
12-ئاينىڭ 13-كۈنى خوتەننىڭ ھەرقايسىي ناھىيەلىرىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە «نەنجىڭ قىرغىنچىلىقى» نى ئەسلەش، «دۆلەتنىڭ ئار-نومۇسىنى ئۇنتۇماسلىق» بويىچە مەخسۇس پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەن.

چىرا ناھىيەلىك ھۆكۈمەت تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەخسۇس خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، شۇ كۈنى چىرا ناھىيەسىنىڭ نۇر يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتىپى، دامىكو يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتىپى، چىرا يېزىلىق توپا ئوتتۇرا مەكتىپى ۋە چىرا يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى پۈتۈن ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بۇ پائالىيەتكە سەپەرۋەر قىلىنغان.

ئۇلار بىردەك كوللېكتىپ دۆلەت شېئىرى ئوقۇش، «نەنجىڭ قىرغىنچىلىقى» نىڭ قۇربانلىرىغا تەزىيە بىلدۈرۈش، تارىخنى ئەسلەش، «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئار-نومۇسىنى ئۇنتۇماسلىق» قاتارلىق تېمىلاردىكى بىر يۈرۈش پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرۇلغان.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار مەركەزلىك توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبتىكى رايونلاردا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا خىتايچە «ۋەتەنپەرۋەرلىك» تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىماقتا. ئۇلار، خىتاي بۇ يىل 9-ئايدىن باشلاپ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىنى بىردەك چەكلىگەندىن كېيىن، ئىككىنچى قەدەمدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا خىتاي تارىخىنى ئۆگىتىش ھەرىكىتى قوزغىماقتا. تېخىمۇ ئېچىنىشلىق بولغىنى، دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەكتەپلەرنىنى خىتايچە «ۋەتەنپەرۋەرلىك» تەربىيەسىنى ئومۇملاشتۇرۇشتىكى سىناق مەيدانى قىلماقتا، دەپ قارىماقتا.