خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى خەلقئارا مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەنلەر كۈنىنى خاتىرىلىدى

خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىدىن ئىلگىرى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ ئادۋوكاتلىرىدىن ليۇ شاۋيۈەن ئەپەندى تۋىتېر تورىدا چاقىرىقنامە ئېلان قىلىپ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنىڭ «30-ئاۋغۇست خەلقئارادا مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەنلەرنى خاتىرىلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇلتۇر يۈز بەرگەن ئادۋوكاتلارنى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن، دائىرىلەر تەرىپىدىن ئادۋوكاتلىق سالاھىيىتىدىن ئېلىۋېتىلگەن ليۇ شاۋيۈەن ئەپەندى چاقىرىقنامىسىدە: «بىز كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىشنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلارنى خاتىرىلەيمىز. ھۆكۈمەت تەرىپىدىن مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەنلەرنىڭ دېرىكىنى قىلىمىز، خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ھۆكۈمەتلەردىن ب د ت نىڭ بۇ ھەقتىكى بەلگىلىمىلىرىنى ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلىمىز» دېگەن.

2010-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 65 ‏-قېتىملىق يىغىنىدا 209-نومۇرلۇق قارار ماقۇللاپ، 30-ئاۋغۇست كۈنىنى «خەلقئارا مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەنلەرنى خاتىرىلەش كۈنى» دەپ بەلگىلىگەن. 2011-يىلدىن بۇيان بۇ كۈن خاتىرىلىنىۋاتقان بولۇپ، ب د ت ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىدىن مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەنلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئەھدىنامىسىنى ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن. 30 ‏-ئاۋغۇست ب د ت باش كاتىپى پەنجىۋېن يەنە ب د ت نىڭ تور بېكىتىدە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەنلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشنى تەلەپ قىلغان.

خىتاي خەلقئارا تاراتقۇلاردا مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەنلەر ئەڭ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ بىرى دەپ تەرىپلەنمەكتە. 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ۋەقەسىدە ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، كېيىن ئىز-دېرىكى بولمىغان كۆپلىگەن ئۇيغۇرلاردىن 30 دىن ئارتۇق كىشى رادىيومىز تەرىپىدىن ئېنىقلانغان. ئۇندىن باشقا بۇلتۇر 7-ئاي مەزگىلىدە يۈز بەرگەن 300 دىن ئارتۇق ئادۋوكاتنى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىدىن بۇيان، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، ئەرزدارلار ۋە ئۇلارنىڭ ئادۋوكاتلىرىنىڭ تۇيۇقسىز غايىب بولۇش ۋەقەلىرى بارغانچە كۆپەيگەن ئىدى.