خىتاي يەكشەنبە كۈنى ئادۋوكاتلار ھوقۇقى مەسىلىسى بويىچە يېڭى بىر ھۆججەت ئېلان قىلدى.«ئادۋوكاتلارنىڭ كەسپىي ھوقۇقنى قانۇن بويىچە قوغداش ھەققىدىكى بەلگىلىمە» دەپ ئاتالغان مەزكۇر بەلگىلىمىنى خىتاينىڭ سوت، تەپتىش، جامائەت خەۋپسىزلىك، دۆلەت بىخەتەرلىك ۋە ئەدلىيە-مەمۇرىي ئورگانلىرى بولۇپ، بەش ئورۇن بىرلىشىپ بېكىتكەن ۋە ئېلان قىلغان.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئادۋوكاتلار مەزكۇر بەلگىلىمىنى خىتاينىڭ ئادۋوكاتلىق كەسپىي تەرەققىيات تارىخىدىكى بىرىنچى قېتىملىق ئىش دەپ قارىغان.
ئادۋوكاتلارنىڭ ھوقۇقلىرى دەخلى-تەرىزگە ئۇچراپ، بىر قىسىم پۇقرالار ھوقۇقى ئادۋوكاتلىرىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى ۋە تۈرمىگە تاشلىنىشى خەلقئىارا جەمئىيەتنىڭ تەندىقىگە دۇچ كەلگەن ئىدى. خىتاي پۇقرالار ھوقۇقى ئادۋوكاتى ئىلى فاڭپىڭ مەزكۇر بەلگىلىمىنى، «بۇ كىچىك كۆلەمدىكى ئىلگىرىلەش، ئەمما زور دەرىجىدە چېكىنىش مەۋجۇت» دەپ چۈشەندۈرگەن. ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە سىياسىي مەسىلىلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەخسۇس ئادۋوكات تۇتۇپ، ئۆزلىرىنى ئاقلىشى چەكلىمىگە ئۇچرىماقتا.
