خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئادۋوكات جياڭ تيەنيوڭغا بېرىلگەن قاماق جازاسىنى «ئادالەتسىز» دەپ ئەيىبلىدى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئاتاقلىق خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى جياڭ تيەنيوڭغا بېرىلگەن قاماق جازاسىنى «ئادالەتسىز» دەپ ئەيىبلەپ، ئۇنىڭ دەرھال شەرتسىز قويۇپ بېرلىشىنى تەلەپ قىلدى.

خىتاينىڭ چاڭشا شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى سەيشەنبە كۈنى جياڭ تيەنيوڭنى «ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ 2 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى. خەلقئارا كەچۈرۈم باياناتىدا مەركۇر ئورگاننىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق تەتقىقاتچىسى ۋىليام نىينىڭ سۆزنى نەقىل كەلتۈرۈپ، «جياڭ تيەنيوڭ ھېچقانداق جىنايەت ئۆتكۈزمىدى. ئۇنىڭ ئادالەتسىز سوتلىنىشى خىتاي دائىلىرىنىڭ خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنى جەسۇرلۇق بىلەن قوغداۋاتقانلارنى سىستېمىلىق جازالاۋاتقانلىقىنىڭ يەنە بىر مىسالى،» دېگەن.

جياڭ تيەنيوڭ 2016‏-يىلى 11‏-ئايدا چاڭشادا تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، بۇ يىل 1-ئايدا ئۇنىڭ ئېغىر تەن جازاسىغا ئۇچرىغانلىقغا دائىر خەۋەرلەر تارقالغان ئىدى. جياڭ تيەنيوڭ بۇنىڭدىن بۇرۇن 2012 -ۋە 2014‏-يىلى ئىككى قېتىم تۇتقۇن قىلىنىپ قويۇپ بېرىلگەن. ئۇ ئىلگىرى ئۇيغۇرلارغا چېتىشلىق بەزى نازۇك سىياسىي دېلولارنىڭ ئاقلىغۇچى ئادۋكاتلىقىنى ئۈستىگە ئالغان خىتاي ئادۋوكاتلىرىنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتىنى ئىزچىل تەنقىد قىلىپ كەلگەن. جياڭ تيەنيوڭ خىتاي دائىلىرىنىڭ 2009‏-يىلى «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن ئۇيغۇر رايونىدا ئالاھىدە سوت كوللىگىيەلىرىنى قۇرۇپ، «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك سوتلىشىنى «خىتاي قانۇنلىرىغا خلاپ» دەپ ئەيىبلىگەن. ئۇ، بۇ ئالاھىدە سوت كوللىگىيەلىرى «قانۇنى تەرتىپلەرنى قايرىپ قويۇپ، ئادالەتسىز ھۆكۈم چىقىرىۋاتىدۇ،» دېگەن ئىدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى باياناتىدا «جياڭ تيەنيوڭنىڭ سوتى شۈتۈنلەي نومۇسسىزلىق» دەپ ئەيىبلەپ، ئۇنىڭ ئاتالمىش «جىنايىتى» نى ئىقرار قىلىشى ۋە كەچۈرۈم سورىشى دائىرىلەر تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان سىياسىي تىياتىر. بۇنىڭ ياساپ چىقىلىش ئېھتىماللىقى زور، دېيىلگەن. جياڭ تيەنيوڭ بۇ يىل 8‏-ئايدا ئېچىلغان بىر قېتىمقلىق سوتتا، ئۆزىنىڭ «جىنايىتى» نى ئىقرار قىلىدىغانلىقىنى ۋە كەچۈرۈم سورايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ سوتتىكى بۇ سۆزى خىتاي ئاخبارات ئۇستىلىرىدا كەڭ تەشۋىق قىلىنغان.