كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى جياڭ تيەنيۇڭنىڭ ئاقىۋىتى ۋە ئۇنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى ھەققىدە دەرھال، مۇستەقىل، تەرەپسىز ۋە پائال تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
جياڭ تيەنيۇڭ 21-نويابىر خۇنەن چاڭشادا ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن. ئۇ يوقاپ كېتىشتىن بۇرۇن چاڭشا قاماقخانىسىدىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى شيې ياڭنىڭ ئايالىنى زىيارەت قىلغان ھەم شيې ياڭنىڭ ئايالى ۋە باشقا 3 نەپەر ئادۋوكات بىلەن بىرگە قاماقخانىغا بېرىپ، شيې ياڭ بىلەن كۆرۈشۈشنى ئورۇنلاشتۇرغان.
ئۇ، 21-نويابىر چاڭشادىن بېيجىڭغا قايتىش ئۈچۈن پويىزغا چىقىشتىن سەل بۇرۇن، ئايالى بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ھېچقانداق ئىز-دېرىكى بولمىغان. جياڭ تيەنيۇڭ ئىلگىرى نۇرغۇن سەزگۈر سىياسىي دېلولارنىڭ ئادۋوكاتلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ، داڭ چىقارغان كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنىڭ بىرى. ئۇ، ئىلگىرى كۆپ قېتىم رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان.
جياڭ تيەنيۇڭ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2009-يىلى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن ئالاھىدە سوت كوللىگىيەلىرىنى قۇرۇپ، ۋەقەگە قاتناشقان دەپ قارالغان ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ -كۆلەملىك سوتلىشىنى تەنقىد قىلغان. ئۇ، بۇنىڭ خىتاي ئاساسىي قانۇنى ۋە ئالاقىدار خىتاي قانۇنلىرىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.
كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى يەنە، جياڭ تيەنيۇڭنىڭ تەن جازاسى ياكى باشقا قوپال مۇئامىلىلەرگە ئۇچراش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر ئۇنى ھۆكۈمەت تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان بولسا، دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.