ئامېرىكا نېۋىز (Knewz.com) تورىنىڭ 29- نويابىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتايدىكى بالىلار ۋە ياشانغانلار ئارىسىدا سىرلىق بىر نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسىلى شىددەت بىلەن تارقىلىشقا باشلىغان. خىتاي دائىرىلىرى سەھىيە تارماقلىرىغا يېڭىدىن تارقىلىۋاتقان بۇ يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ يەنىمۇ كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە تېببىي خادىملاردىن بۇ ۋىرۇسلۇق كېسەللىكنىڭ ھەقىقىي سەۋەبىنى تېپىپ چىقىشنى تەلەپ قىلغان، شۇنداقلا بۇ كېسەللىكنىڭ ھازىرقى تارقىلىش ئەھۋالىنى ئاشكارىلىماسلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتايدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ دېيىشىچە، خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ بۇ سىرلىق نەپەس يولى كېسەللىكىنى «ئۆپكە ياللۇغى» ياكى «تارقىلىشچان زۇكام» دەپ ئاتاش ئارقىلىق، ئۇنىڭ خىتاي جەمئىيىتىدە ۋەھىمە پەيدا قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىلىق «مەخپىي كۆرسەتمە» بەرگەن ئىكەن.
«دەۋر گېزىتى» نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق چەت ئەل ئاخبارات ۋاسىتەلىرىنىڭ ئاتالمىش «ئۆپكە ياللۇغى» ياكى «تارقىلىشچان زۇكام» توغرىسىدا خەۋەر بېرىشىگە يول قويۇلمىغان. خىتاي دۆلەت ئىچىدىكى تاراتقۇلارنىڭمۇ بۇ يۇقۇم توغرىسىدا خەۋەر بېرىشى چەكلەنگەن. خىتاي ئىچىدە ھەتتا بۇ يۇقۇملۇق ۋىرۇسنىڭ ئامېرىكادىن خىتايغا كىرگەنلىكى ھەققىدىكى تور مۇنازىرىلىرىمۇ كۆرۈلۈشكە باشلىغان.
«دەۋر گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يۇقۇملىنىش ھازىر قۇرامىغا يەتكەنلەرگە قاراپ كېڭەيگەن. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بۇ يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ كونكرېت ئەھۋالى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بېرىشنى تەلەپ قىلغان.