ئامېرىكىنىڭ ئەمەلدارى داۋىد خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىككە قويغان چەكلىمىلىرىنى تەنقىد قىلدى

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ دىنىي ئىشلار ئەمەلدارى داۋىد ساپېرستېىنس 31-ئاۋغۇست دۈشەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى دىنىي مەسىلىلەر ھەققىدىكى قارىشىنى ئىپادىلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئەركىنلىككە قويغان چەكلىمىلىرى بولۇپمۇ، خىتايدىكى خرىستىئان مۇرىتلىرىنىڭ چېركاۋلىرىدىكى كرېستنى مەجبۇرىي ئالغۇزۇۋېتىش ھادىسىلىرى ۋە تىبەت بۇددىستلىرى ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان دىنىي چەكلىمىلەرنىڭ بارغانچە كۆپىيىۋاتقانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تورىدا 31-ئاۋغۇست ئېلان قىلىنغان خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، دىنىي ئىشلار ئەمەلدارى داۋىد 31-ئاۋغۇست بەرگەن باياناتىدا 20-ئاۋغۇستتىن 28-ئاۋغۇستقا قەدەر بولغان خىتاي زىيارىتى جەريانىدا ھېس قىلغان خىتايدىكى دىنىي مەسىلىلەر ھەققىدە توختالغان ھەمدە خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، خىتايدىكى دىنىي ئەربابلار، ئاممىۋى تەشكىلات ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، دىنىي مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرگەن.