خىتايدا دىنغا قارىتىلغان بېسىمنىڭ ئومۇمىييۈزلۈك كۈچەيگەنلىكى مەلۇم بولماقتا

شى جىنپىڭ خىتايدا ھاكىمىيەتكە ئولتۇرغاندىن بۇيان، خىتايدىكى نېگىزلىك كىشىلىك ھوقۇق ۋە كىشىلىك ئەركىنلىكتە زور دەرىجىدە چېكىنىش بولغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قىسىم بايراملارنى تەبرىكلەشنى چەكلىشىدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپماقتا.

«ئۇنۋېرسال كاتولىك خەۋەرلىرى» گېزىتى ۋە «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى» قاتارلىقلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدىكى بىر قىسىم ئۇنۋېرسىتېتلارنىڭ ياشلار ئىتتىپاقى كومىتېتلىرى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ئۇنۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ غەربچە بايراملارنى، بولۇپمۇ مىلاد بايرىمىنى تەبرىكلىشىنى مەنئىي قىلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ فۇجيەن ئۆلكىسىدىكى شيامېن ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى شو چېنشياۋغا مەكتەپ ئىچىدە «دىن تارقاتتى،» دېگەن سەۋەب بىلەن «قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش» جازاسى بېرىلگەن بولۇپ، خىتايدىكى خىرىستىيان پوپى جوسېف مۇخبىرلارغا مىلاد بايرىمى ئۆتكۈزۈزشكە قارشى ھەرىكەتنىڭ 2014-يىلى باشلىغانلىقىنى، دىنى بېسىمنىڭ بارغانچە كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

قىزىقارلىقى شۇكى، بۈگۈن «خوتەن گېزىتى» نىڭ ئۈندىداردىكى سەھپىسىمۇ «پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلا ئەمدى بۇ بايراملارنى ئۆتكۈزمەڭلار» ماۋزۇسىدا بىر پارچە خەۋەر تارقىتىلغان. ئۇنىڭدا، «ئەجنەبىلەرنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىگەنلەرنىڭ سىياسىي جەھەتتە مەسىلىسى بار،» دەپ قارىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. خەۋەردە خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابېنتى بۇ يىل 26-يانۋار كۈنى ئېلان قىلغان «جۇڭخۇا مىلىتىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەققىدىكى پىكىر» ناملىق ھۈججەتنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن 14-فېۋرال «ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى»، «پاسخا بايرىمى»، 1-ئاپرىل «ئادەم ئالداش كۈنى»، «پەرىشتىلەر بايرىمى»، «مىننەتدارلىق بايرىمى»، «مىلاد بايرىمى» قاتارلىقلارنى تەبرىكلەشكە بولمايدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئورنىغا «چاغان»، «پانۇس بايرىمى»، جوڭگوچە «ئاشق-مەشۇقلار بايرىمى»، «تاۋۇز چاغىنى» قاتارلىق ئەنئەنىۋى بايراملارنىڭ تەبرىكلىنىشى كېرەكلىكى يېزىلغان.

ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى بۇ يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنى بېسىمنىمۇ قاتتىق كۈچەيتكەن. رادىيومىزنىڭ خوتەندىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىدا ھۆكۈمەت ئېتىراپ قىلمىغان ئىمامغا نىكاھ ئوقۇتقان ياكى بۇ خىل نىكاھ مۇراسىمىغا قاتناشقان، ھەتتا مېيىت نامىزىغا قاتناشقان ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ «دىنى پائالىيەت بىلەن شۇغۇللاندى،» دەپ قارىلىپ «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى.