يېقىندا باش ئورگىنى گېرمانىيەدىكى «تەھدىت ئاستىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتى» بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.
مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسى ئۇلرىخ دېليۇس بۇ مۇناسىۋەت بىلەن قىلغان سۆزىدە خىتاي بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ سىستېمىلىق ھالدا ئىنتېرنېت ساھەسىدىكى ئۇچۇر ئەركىنلىكىنى بوغۇپ كەلگەنلىكىنى، شۇنىڭدەك مۇشۇ سەۋەبتىن نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ بىھۇدە جازاغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ باياناتىدا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنىڭ خىتاي بويىچە ئەڭ قاتتىق چەكلىمىلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
باياناتتا ئېيتىلىشىچە، ئۆتكەن بىرنەچچە يىل ئىچىدە خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر تور باشقۇرغۇچىلاردىن ئون نەچچە كىشىنى قولغا ئالغان ۋە قاماققا ھۆكۈم قىلغان. جۈملىدىن ئۇيغۇر زىيالىي ئىلھام توختىمۇ تور بېتى ئېچىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە بولۇۋاتقانلىقىنى پاش قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا دۇچ كەلگەن.
ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقتىن زىنھار پىنھان تۇتۇشنى خالايدىغان ئۇچۇرلارنى ئىنتېرنېت ئارقىلىق خەلققە تارقاتقانلىق - بۇ ئۇيغۇر تور باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ بىردىن-بىر جىنايىتىدۇر» دەپ كۆرسەتكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار ئۇچۇرلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2015-يىلىدىن بۇيان خىتايدا ئون مىليون تور ئىشلەتكۈچى توسۇۋېتىلگەن، 13 مىڭدىن ئارتۇق تور بېتى تاقىۋېتىلگەن. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى پەقەت شەھۋانىيلىق ۋە زورلۇقنى تەشۋىق قىلغۇچى تور بېكەتلىرىنى چەكلەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە خىتايدا دېموكراتىيە، ئىنسان ھەقلىرى ياكى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش مەزمۇنىدىكى مىڭلىغان تور بەتلەر مەجبۇرىي تاقىۋېتىلگەن.
ئۇلرىخ دېليۇس بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «خىتاي دۆلەت ئاخباراتىنىڭ ‹خىتايدىكى تور ئىشلەتكۈچى 735 مىليون كىشىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ھۆكۈمەتنىڭ بۇ خىلدىكى تور كونتروللۇق سىياسىتىنى قوللايدۇ› دېگەن يالغان-ياۋىداق سۆزى خىتاي پۇقرالىرىغا قىلىنغان ئەڭ زور ھاقارەتتۇر» دەپ كۆرسىتىدۇ.