خىتاينىڭ ئىنتېرنېت توسقۇنلۇقىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى: «خىتاي چەتئەل تورلىرىنى توسۇشنى كۈچەيتمەكتە»

چەتئەللەردىكى گرەاتفىرە دەپ ئاتالغان خىتاينىڭ ئىنتېرنېت توسقۇنلۇقىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 30 -مارت دۈشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى خاككېرلىرىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە «greatfire.org» تور بېكىتىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ 31-مارتتىكى خەۋىرىدە، يېقىندىن بۇيان گرەاتفىرە قاتارلىق چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تور بېكەتلىرىنىڭ «خىتاي ھۆكۈمىتىگە تەۋە خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى» ھەققىدە خەۋەر بېرىلدى. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ نەقىل ئېلىپ بەرگەن خەۋىرىدە «خىتاي خاككېرلىرى بۇ تور بېكىتىنىڭ مۇشتەرىلىرىنىڭ كومپيۇتېرىغا يامان غەرەزلىك سانلىق ئۇچۇرلارنى يوللاپ، تور قىستاڭچىلىقى ۋە تور توختاپ قېلىش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان» لىقى تىلغا ئېلىندى.

خەۋەردە يەنە، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ يېقىندىن بۇيان چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ تور بېكەتلىرىنى توسۇشتا بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىپ، چەتئەل تور بېكەتلىرىنىڭ خىتايدىكى مۇلازىمىتىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەندى.