خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى زور مۈشكۈلاتقا دۇچ كەلمەكتە

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 15-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئاپرېل ئېيىدىمۇ خىتاينىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش رېكورتى ئىزچىل مۆلچەردىكىدىن تۆۋەن سەۋىيەدە بولغان. بۇنىڭ بىلەن ئىككىنچى پەسىللىك ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانىنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقى رەسمىي ھالدا ئاشكارا بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆي-مۈلۈك بازىرىدىكى تۆۋەنلەش يۈزلىنىشىدىمۇ ياخشىلىنىش كۆرۈلمىگەن.

خىتاي دۆلەتلىك ستاتىستىكا ئىدارىسى 15-ماي كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئاپرېل ئېيىدىكى سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى بەش پىرسەنتتىن ئاشقان بولسىمۇ، مۆلچەردىكى 11 پىرسەنتنىڭ يېرىمىغا يېتەلىگەن. بۇنىڭغا ماس ھالدا پارچە سېتىش، مۇقىم مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش قاتارلىق ساھەلەرمۇ مۆلچەردىكى سانغا يېتەلمىگەن. «ئامېرىكا بانكىسى» نىڭ ئىقتىسادشۇناسلىرىدىن ۋىننى ۋۇ (Winnie Wu) بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «خىتاينىڭ ئەسلىگە كېلىش سۈرئىتىگە قارايدىغان بولساق، ئۆتكەن يىلدىكىگە قارىغاندا ئىلگىرىلەش بولدى. ئەمما بۇ ھال بازار ئېھتىياجىغا ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ كۈتكەن نىشانىغا قانچىلىك يېقىنلاشقانلىقىغا ھازىر بىرنەرسە دېمەك قىيىن» دېگەن.

نۆۋەتتە خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تۆۋەنلىشىدىكى كۆرسەتكۈچلەر پاي چېكى بازىرىنىڭ چۆكۈشى، مائاش ۋە خىزمەت مۇقىملىقىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى قاتارلىق ساھەلەردىمۇ ئېغىر مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. CNBC نىڭ 16-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ھازىر خىتايدىكى ياشلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى 20 پىرسەنتتىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ سانلىق مەلۇمات 16 ياشتىن 24 ياشقىچە بولغانلارغا قارىتىلغان.

2023-يىلى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرىدىغانلارنىڭ جەمئىيەتكە چىقىدىغان ۋاقتى يېقىنلاپ قالغانلىقتىن بۇ ساننىڭ يېقىن ئارىدا تېزدىن ئېشىپ مېڭىشىمۇ ئېھتىمالغا بەكمۇ يېقىن ئىكەن. تېخىمۇ مۇھىمى بۇنچە كۆپ ياشلارنىڭ ئىشسىز قېلىشى خىتاينىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ئۈچۈن بىر چوڭ باش ئاغرىقى، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.