خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپى جاڭ خەيتاۋغا 19 يىللىق قاماق جازاسى بەردى

ئۇيغۇر ئېلىدىكى سوت دائىرىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى سىياسەتلىرىنى ئوچۇق-ئاشكارا تەنقىد قىلغان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپى جاڭ خەيتاۋنى «ئاغدۇرمىچىلىق ۋە جاسۇسلۇق» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، 19 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.

ئىستانسىمىز ئىگىلىگەن ئۇچۇردىن قارىغاندا، ئۇنىڭ داۋاسى ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىدە كۆرۈلگەن بولۇپ، سوت قارارى 18-يانۋار كۈنى ئۇنىڭ ئايالى لى ئەيجيېگە ئۇقتۇرۇلغان. لى ئەيجيې رادىئومىزغا بىلدۈرگەن ئىپادىسىدە ئېرىگە بېرىلگەن جازانىڭ بەكلا ئېغىر بولۇپ كەتكەنلىكىنى، ئېرىگە كۆپ بولغاندا 2-3 يىل قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، دەپ پەرەز قىلغانلىقىنى، ئەمما ئويلىمىغان يەردىن 19 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە «بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئىشلىرى زادى قانداق؟ ئۇ پەقەت شىنجاڭدا بولغانلىقى ئۈچۈنلا مۇشۇنداق ئېغىر جازالاندىمۇ، شىنجاڭدا ئادەتتە جازا مۇشۇنداق ئېغىر بولامدۇ؟» دېگەن.

جاڭ خەيتاۋ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلىپ توردا ماقالە ئېلان قىلغاندىن كېيىن يەنى، 2015-يىلى 26-ئىيۇن كۈنى تۇتقۇن قىلىنغان. سوت دائىرىلىرى ئۇنىڭ ئىنتېرنېتقا يازغان ماقالىلىرىنى ۋە بەزى چەتئەل ئاخبارات ئورگانلىرىغا قىلغان سۆزىنى «جىنايەت ئىسپاتى» ئورنىدا قوللانغان.