ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى مايك پامپېئو 4-ئىيۇن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى 1989-يىلى تيەنئەنمېن مەيدانىدا ئۆلتۈرۈلگەن، تۇتقۇن قىلىنغان ياكى ئىز دېرەكسىز غايىپ بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنى تولۇق ئاشكارلاشقا چاقىردى.
خىتاي ھۆكۈمىتى 1989-يىلى 4-ئىيۇن كۈنى تانكا، برونىۋىكلارنى ئىشقا سېلىپ تيەنەنمىن مەيدانىنى ئىگىللەپ ياتقان ئوقۇغۇچىلارنى باستۇرغان. خىتاي دائىرىلىرى ھازىرغا قەدەر شۇ قېتىمقى باستۇرۇشتا زادى قانچىلىك ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ھېچقاچان ئېلان قىلىپ باقمىغان. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى شۇ قېتىملىق باستۇرۇشتا بىر قانچە يۈزدىن بىر قانچە مىڭغىچە ئادەمنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى پەرەز قىلىپ كەلمەكتە. مايك پامپېئو مەزكۇر ۋەقەنىڭ 29 يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋېتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا «4-ئىيۇننىڭ روھىي تېخى ئارام تاپمىغانلىقى» ئەسكەرتىپ، «بىز خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن، تۇتقۇن قىلىنغان ياكى غايىپ قىلىۋېتىلگەنلەرنىڭ تولۇق سانىنىڭ ئاشكارىلىنىشىنى چاقىرىمىز،» دەپ تەكىتلىگەن.
دۈشەنبە كۈنى يەنە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق ئورگان ۋە تەشكىلاتلار بايانات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر ۋەقەنى خاتىرلىدى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باياناتىدا «تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىنىڭ خاتىرىسى بىزگە ئىنساننىڭ نېگىزلىك ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە تۈپ كىشىلىك ھوقۇقىقا بولغان ئارزۇ-ئىستەكلىرىنىڭ رايون ۋە دۆلەت بىلەن چەكلەنمەيدىغانلىقىنى خاتىرلىتىدۇ،» دېيىلگەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتىدا نامايىشچىلارنى، بولۇپمۇ دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى خاتىرلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، جەنۇبىي موڭغوليەلىكلەر ۋە نۇرغۇن خىتايلارنىڭ ھازىرغا قەدەر بۇ نىشان ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى» نى تەكىتلىگەن.